باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

تۇرمۇشتىكى ئاددىي بىلىملەر

      ساۋاقداشلار، قىشتا نېمە ئۈچۈن دېرىزە ئەينىكىدە مۇز گۈللىرى پەيدا بولىدۇ؟ گەپ قىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئاغزىمىزدىن ھور چىقىدۇ؟ بۇنداق ھادىسىلەرگە قانداق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى يوشۇرۇنغان؟

      قەھرىتان سوغۇقتا ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ. ئۆيدىكى ئىسسىق ھاۋا ئەينەك يۈزىدە سىرتتىكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان قېتىشىپ مۇز گۈللىرى پەيدا بولىدۇ.

      كۆزەينەك تاقايدىغان كىشىلەر قىشتا سىرتتىن ئۆيگە كىرگەندە كۆزەينىكىدە سۇ تامچىلىرى پەيدا بولىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ سوغۇق ئەينەك ئۆيدىكى ئىسسىق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئىسسىق ھاۋا دەرھال سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، بۇ سۇيۇقلاندۇرۇش ھادىسىسى دېيىلىدۇ. سۇيۇقلاندۇرۇش ھادىسىسى بويىچە تەھلىل قىلساق قىشتا ئاغزىمىزدىن ھور چىقىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىۋالالايمىز. ئوخشاش قانۇنىيەت بويىچە سىرتتا يۈرگەن ئادەم نەپەسلەنگەندە چىقارغان ئىسسىق كاربون (IV) ئوكسىدى سىرتتىكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا سۇيۇقلىنىدۇ.

      تەبىئەتتىكى خىلمۇخىل ھادىسىلەرنى ئىنچىكە كۆزەتسەك ئاددىي ھادىسىلەردىنمۇ نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى بىلىۋالالايمىز. كونىلار ‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە›› دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ساۋاقداشلار، ئىلىم – پەن بىلەن قوراللىنىپ ھاياتىمىزنى بىلىم بىلەن نۇرلاندۇرايلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر