باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلاردىكى كۆك يۆتەلنى داۋالاش رېتسېپلىرى

       1. ياڭاق مېغىزى بىلەن ناۋاتنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گىرام، ئامۇتتىن 150 گىرام تەييارلاپ، ئۇنى سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، ھەر كۈنى بىر قوشۇقتىن ئۈچ ۋاخ ئىچكۈزۈلىدۇ.

      2. تۇرۇپنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئارپا ئۈندۈرمە شېكىرى قوشۇپ، ھوردا پىشۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.

      3. توخۇ ئۆتىنىڭ سۇيۇقلۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.

      4. 120 گىرام سەۋزە، 12 تال چىلانغا ئۈچ چىنە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە سۇ قالغۇچە قاينىتىپ خالىغان چاغدا ئىچكۈزۈلىدۇ.

      5. 500 گىرام كەرەپشىنى يۇيۇۋېتىپ غولى بىلەن ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز قوشۇپ ئستاكان بىلەن قايناق سۇدا قويۇپ ئىسسىتىپ ئەتىگەندە، كەچتە ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىچكۈزۈلىدۇ.

 

مەنبە: ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر