باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

بىر قاچا سۈت

       بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزاق يىللار بۇرۇن، چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ھىندىستاننىڭ ئابرويى چوڭ ئىكەن، نۇرغۇن پارس ئاھالىسى ھىندىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىكەن.

      پارسلاردىن بىر توپ كىشى ھىندىستاننىڭ پايتەختىنىڭ سىرتىغا كەلگەندە، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھقا كۆرۈنۈشنى قارار قىپتۇ.

      ئۇلار ئوردىغا قاراپ مېڭىپتىكەن، ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇلارنى توسىۋاپتۇ. پارسلار ئۇلارغا:

      – بىز ئوردىغا پادىشاھقا سالام بەرگىلى كىرىمىز، پادىشاھدىن مۇشۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلىمىز، – دەپتۇ.

      مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ باشلىقى ئۇلارغا:

      – ئۇنداق بولسا، بىر ۋەكىل كىرگۈزۈڭلار، – دەپتۇ.

      ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتكە كادېۋورانا ئىسىملىك پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن. ئۇ تولىمۇ چېچەن ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئەقىل – پاراسىتى ئەتراپتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مەشھۇر ئىكەن.

      پارسلارنىڭ ۋەكىلى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھقا چوڭقۇر تەزىم قىپتۇ، پادىشاھ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سورىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېلىشىدىكى مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ  ۋەكىلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ۋەزىرنى يېنىغا چاقىرىپ، قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپتۇ.

      ۋەزىر مالايدىن بىرنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بىر نېمە دەپتىكەن، مالاي بىر كۈمۈش قاچىغا سۈت كۆتۈرۈپ سارايغا كىرىپتۇ، ۋەزىر ھېلىقى لىق بىر قاچا سۈتنى پارس ۋەكىلىگە بېرىپ:

      – سىلەرنىڭ باشلىقىڭلارغا بېرىدىغان جاۋابىمىز مۇشۇ، – دەپتۇ.

      ۋەكىل لىق بىر قاچا سۈتنى كۆتۈرۈپ ئوردىدىن چىقىپتۇ. شەھەر سىرتىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغانلار ئۆز ۋەكىلىنىڭ بىر قاچا سۈتنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن باشلىقىغا قاراپتۇ.

      بۇلارنىڭ باشلىقى ئەقىللىق، ھۇشيار ئادەم ئىكەن، ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە:

      – پادىشاھنىڭ دېمەكچى بولغىنى شۇكى، مۇشۇ قاچىدىكى لىق سۈتنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۈستىلەپ سۈت قويغىلى بولمىغاندەك، ئۇنىڭ دۆلىتىدە ئادەم كۆپ ئىكەن، قايتا ئادەم قوبۇل قىلالمايدىكەن. چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلىشىمەن دېيىشى يوق گەپ ئىكەن، – دەپتۇ – دە، بىر چاڭگال شېكەرنى سۈتكە ئارىلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. شېكەر سېلىنغان سۈت تېشىپ كەتمەپتۇ. باشلىق ۋەكىلىگە بىرنەچچە ئېغىز گەپ تاپىلاپتۇ، سۈتنى كۆتەرگۈزۈپ ئوردىغا ئەۋەتىپتۇ.

      ۋەكىل سۈتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بېشىنى سالغان ھالدا پادىشاھقا قاراپ:

      – پادىشاھ ئالىيلىرى، باشلىقىمىز سۈتكە بىر چاڭگال شېكەر سېلىۋەتكەنىدى، سۈت تاشمىدى. ئۇ تېخى بۇنىڭدا سۈت تېشىپ كەتمەيلا قالماستىن، بەلكى سۈتنىڭ تەمىنى تاتلىق قىلىدۇ، دەيدۇ. بىز دۆلىتىڭىزگە كەلسەكمۇ، پۇقرالىرىڭىزغا يۈك بولۇپ قالمايمىز، بەلكى، خۇددى سۈتكە سالغان شېكەردەك، ئۇلارغا ئۆزلىشىپ كېتىمىز، – دەپتۇ.

      بېرىلگەن جاۋابىنىڭ ئەپچىللىكىدىن پادىشاھ بۇ پارسلارنىڭ مۇشۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قېلىشىغا ماقۇل بوپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكاىيلەر تەھرىر: ئاينۇر