باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تۇرمۇش ساۋاتلىرى

      ئاپلىسىن شۆپۈكىنى چىلاپ قويغان سۇدا ئەۋرەز يولىنى يۇيسا غەيرى پۇراق يوقايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپلىسىن شۆپىكى چىلاپ قويغان سۇدا ئىشكاپ، ئەينەكلەرنى سۈرتسىمۇ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. كەرەپشىنى پاكىز يۇيۇپ سۈيىنى ئېقىتىۋەتكەندىن كېيىن بولكا قاچىلانغان خالتىغا مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ قويساق بولكىنى يېڭى پىتى ساقلاشقا پايدىسى بولىدۇ.

      ئادەتتە كۆڭلەكنىڭ ياقىسى بىلەن يېڭىنىڭ ئۇچى بەكرەك مەينەت بولىدۇ ھەمدە كىرىنى چىقىرىشمۇ تەسرەك، بۇنداق ۋاقىتتا كىيىمنى سۇغا بىردەم چىلاپ قويۇپ كىيىمنىڭ ياقىسى بىلەن يېڭىنىڭ ئۇچىغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ چوتكا بىلەن بىر، ئىككى مىنۇت يېنىك چوتكىلاپ پاكىز سۇدا چايقىۋەتسەك، ئاندىن ئادەتتە كىيىم يۇغاندەك بىر قاتار يۇيۇۋەتسەك پاكىز بولىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر