باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

كەلگۈسىدىكى ئەينەكلەر

چاڭ – توزان قونمايدىغان ئەينەك

      ھەر قېتىم مەكتەپتە چوڭ تازىلىق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار ئەينەكنى پاكىز سۈرتەلمەيدۇ. ئەينەك ئۇزۇن ۋاقىت سۈرتۈلمىسە قېلىن بىر قەۋەت چاڭ – توزان قاپلاپ كۆرگۈسىز بولۇپ كېتىدۇ. مەن دائىم بەزى كىشىلەرنىڭ خۇددى ئۆمۈچۈك پالۋاندەك ئېگىز بىنانىڭ دېرىزىلىرىگە يامىشىپ ئەينەك سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن، ئۇنداق ئېگىز جايدىكى ئەينەكنى سۈرتۈش ئاسان ئەمەس. كەلگۈسىدە چاڭ – توزان قونمايدىغان ئەينەك ئىجاد قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەينەك ئاپتوماتىك ھالدا چاڭ – توزاننى ئۆزىگە قوندۇرمايدۇ، بوران – چاپقۇنلاردىمۇ مەينەت بولمايدۇ.

 

ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان ئەينەك

      كەلگۈسىدە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان ئەينەك كەشىپ قىلىنىدۇ. ئۇ بىز چۈشىنەلەيدىغان نۇسخا ۋە يېقىملىق ئاۋاز چىقىرالايدۇ. ئەگەر يامغۇر ياغىدىغان بولسا ئەينەكتە كۈنلۈكنىڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ، ھاۋا ئوچۇق بولىدىغان بولسا قۇياشنىڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ.

 

ھاشارات ئۆلتۈرەلەيدىغان ئەينەك

      كەلگۈسىدە ھاشاراتتىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ئەينەك كەشىپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەينەك ئالدى بىلەن ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ ئەينەككە يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاندىن ئەينەكتىن چىققان توك بىلەن ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىكى توك ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا ئادەملەرنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر