باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

دوستلۇقنىڭ قىممىتى سەمىمىيلىكتە

      پائالىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى:

      يېقىندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۇغۇلغان كۈننى بارغانسېرى چوڭ ئۆتكۈزىدىغان، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىدىغان، چوڭ يەپ – چوڭ ئىچىدىغان، ئۆزئارا بەسلىشىدىغان خاھىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. چوڭ سورۇن ھازىرلاپ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش شەكلى بىلەن ھېسسىيات چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تۇغۇلغان كۈننى توغرا ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى ئۆسۈپ يېتىلىشنى خاتىرىلەش، دوستلار يىغىلىشىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، ئۆزئارا بەسلەشمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش.

      پائالىيەت جەريانى:

      رىياسەتچى: ساۋاقداشلار، يېقىندىن بۇيان سىنىپىمىزدا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىپ قالدى. تۇغۇلغان كۈننى رېستوراندا ئۆتكۈزىدىغان، تورتنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىپ دوستلىرى بىلەن يەيدىغان، ئۆزئارا سوۋغا بېرىدىغان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئۇلار تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈشكە ئاز بولمىغان چىقىملارنى قىلىۋاتىدۇ. ساۋاقداشلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت نېمە؟

      ئوقۇغۇچى 1: بۇنداق قىلغاندا ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ھېسسىيات چوڭقۇرلىشىدۇ.

      ئوقۇغۇچى 2: بۇنداق تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندە دوستلار بىر يەرگە يىغىلىپ كۆڭۈللۈك ئوينايمىز.

      ئوقۇغۇچى 3: مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە بىر دوستۇم ماڭا ناھايىتى يوغان ئويۇنچۇق ئېيىق سوۋغا قىلدى، مەنمۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ناھايىتى يوغان بىر ئويۇنچۇق ماشىنا بەردىم.

      رىياسەتچى: سىلەر دوستلۇقىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلارمۇ؟

ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە: شۇنداق.

      رىياسەتچى: ھەممىڭلار دوستلۇققا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىدىكەنسىلەر – ھە؟ ئۇنداق بولسا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ قانداق ئادەم ‹‹دوست›› بولالايدۇ؟

      ئوقۇغۇچى 4: ماڭا ياردەم بەرگەنلەر بىلەن دوست بولىمەن.

      ئوقۇغۇچى 5: مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغانلار بىلەن دوست بولىمەن.

      ئوقۇغۇچى 6: مەن ياقتۇرىدىغانلار بىلەن دوست بولىمەن.

      ئوقۇغۇچى 7: ماڭا سوۋغا بەرگەنلەر بىلەن دوست بولىمەن. رىياسەتچى: ساۋاقداشلار ھەممىڭلار ئۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار. قېنى، تۆۋەندىكى ‹‹كىم ھەقىقىي دوست بولالايدۇ›› دېگەن ئېتۇتنى كۆرۈڭلار.

      A: بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. ئۆتكەندە بىرنەچچە ئاغىنەم بىلەن قارت ئوينىغاندا تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىرگە ئۆتكۈزۈشكە دېيىشىپ قويغانىدىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى، ئۇلار نېمىشقا تېخىچە كەلمەيدىغاندۇ؟ ھەي، ئۇلارغا تېلېفون ئۇرۇپ باقايچۇ؟

      — ۋەي، سابىرما، سەن قايەردە؟

      B: — ۋەي، ئابباسمۇ، نېمە ئىشتى؟ ھە، مەن ئاپتوموبىل سېتىش ئورنىدا، يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللار كۆرگەزمىگە قويۇلۇپتىكەن كۆرگىلى كەلدىم.

      A: — نېمە، مەن يىراقتا دەمسەن؟ ھە، ئالدىراش دېگىن، ئۇنداق بولسا بوپتۇ!

      بۇ ئاداش ھەقىقەتەنمۇ دوستلۇققا يارىمايدىكەن. ئۆتكەندە ئۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېسىل سوۋغا بەرگەنىدىم. باشقىلارغا تېلېفون ئۇرۇپ باقاي.

      — ۋەي، پولاتمۇ، سېنى بەك ساقلاپ كەتتىمغۇ؟ نېمانداق تېخىچە كەلمەيدىغانسەن؟

      C: — قارت ئوينامدۇق؟ بولىدۇ، ھازىر بىرئاز ئىشىم بار، ئۇ ئىشنى تۈگىتىپلا بارىمەن!

      A: ھەي، دوستمۇ شۇنداق بولامدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلىگەنىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇلار مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟ (ناھايىتى بىئارام بولىدۇ).

      A: ئەركىنگە تېلېفون ئۇرۇپ باقايمۇ – يا؟ بولدىلا، ئۇرماي، تۇغۇلغان كۈنۈم ئېسىدە بولسا تەبرىكلىگىلى كېلەر، ناۋادا تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالسا تېلېفون ئۇرغىنىم بىلەنمۇ بىكار.

ئاۋاز بېرىلىدۇ: جىرىڭ، جىرىڭ، جىرىڭ .....(ئىشىك قوڭغۇرىقى سايرايدۇ)

      A: ھا، ھا، ھا! دېمىدىممۇ يەنىلا ئەركىن دوستلۇققا يارايدىكەن، ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ ئەمەسمۇ؟( خۇشال ھالدا ئىشىك ئاچىدۇ)

      D: ياخشىمۇسىز، بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەنلىكىنى ئايالىڭىزدىن ئاڭلاپ كىردىم. تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

      A: سىزنى بىلەلمىدىمغۇ؟ (ھەيران قالىدۇ)

      D: مېنى تونۇمىدىڭىزمۇ، مەن سىز بىلەن بىر مەھەللىدە ئولتۇرىمەن. ئۆتكەندە ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ۋېلسىپىتىمنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتتى. بۇ چاغدا سىز ئۆيىڭىزدىن ناسوس ئېلىپ چىقىپ يەل ئۇرۇپ بەردىڭىز. سىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئادەم ئىكەنسىز. مەن سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي يۈرەتتىم. مانا بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تەبرىكلىگىلى كىردىم. مەن تۇرۇبا رېمونتچىسى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىڭىزدە بىرەر يەرنى رېمونت قىلىدىغان ئىشلار بولسا مېنى ئىزدەڭ، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.

       D)  : A نىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ)

      رىياسەتچى: ساۋاقداشلار، بۇ ئېتۇتنى كۆرگەندىن كېيىن ‹‹دوست››قا بولغان يېڭىچە تونۇشۇڭلار بارمۇ؟ قېنى، كەڭ –كۇشادە سۆزلەپ بېقىڭلار.

      ئوقۇغۇچى 1: مېنىڭچە ئېتۇتتىكى ئابباس بىلەن بىللە قارت ئوينايدىغانلار ئابباسنىڭ ھەقىقىي دوستلىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئابباسقا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز دېگىنى يالغان، پەقەت ئاغزىدىلا شۇنداق دەپ قويغىنى.

      ئوقۇغۇچى 2: مېنىڭچە ئابباس تۇرۇبا رېمونتچىسى بىلەن دوست بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئابباس ئۇنىڭغا بىرلا قېتىم ياردەم بەرگەن بولسىمۇ ئۇ ئەستىن چىقارماپتۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن قولىدىن كېلىشىچە ئابباسقا ياردەم بەرمەكچى بولدى.

      ئوقۇغۇچى 3: مېنىڭچە دوستلار ئەنە شۇنداق چىن كۆڭلىدىن كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋە قەلبىدە شۇ ئادەمنى ئويلايدىغان بولۇشى كېرەك.

      رىياسەتچى: ساۋاقداشلار ھەممىڭلار ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭلار، قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، بۇ ئېتۇتتىكى قايسى ئادەمنى دوست تۇتۇشقا بولىدىكەن، نېمە ئۈچۈن؟

      ئوقۇغۇچى: رېمونتچىنى دوست تۇتۇشقا بولىدىكەن. ئۇ سەمىمىي ھەم راستچىل ئادەمكەن.

      رىياسەتچى: سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلاردىكى دوستۇڭلار قانداق؟

      ئوقۇغۇچى 4: مەن خاتا گەپ قىلىپ قويسام دوستۇم مەندىن ھەرگىز رەنجىپ قالمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا خاپىلىشىپ قالساق بىردەمدىن كېيىن يەنە ئەپلىشىپ قالىمىز.

      ئوقۇغۇچى 5: دوستۇم ھەمىشە ماڭا ياردەم بېرىدۇ، ئۆگىنىش بۇيۇملىرىمنى ئۇنتۇپ قالسام ماڭا بېرىپ تۇرىدۇ، يەنە مەن بىلەن بىللە ئوينايدۇ.

      ئوقۇغۇچى 6: دوستۇم بىلەن بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيمىز، بىللە ئوينايمىز.

      ئوقۇغۇچى 7: دوستۇم بىلەن ناھايىتى ياخشى سىردىشىمىز.

      رىياسەتچى: تۇغۇلغان كۈنىڭلار بولغاندا دوستلىرىڭلار سىلەرگە سوۋغات بېرەمدۇ؟ سىز دوستلىرىڭىزنى مېھمان قىلامسىز؟

      ئوقۇغۇچى 1: مەن دوستلىرىمنى مېھمان قىلىپ باقمىغان.

      ئوقۇغۇچى 2: مەن دوستلىرىمغا ئويۇنچۇق سوۋغا قىلىپ باقمىغان.

      رىياسەتچى: بۇنداق قىلساڭلار دوستلۇقىڭلارغا تەسىر يېتەمدۇ؟

      ئوقۇغۇچى 3: ياق، بىز ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن.

      ئوقۇغۇچى 4: دوستلار ئوتتۇرىسىدا سوۋغات بەرمىسە دوست بولمايدىغان ئىش بولماسلىقى كېرەك. سوۋغات بەرگەنلا ئادەم ياخشى بولمايدۇ.

      رىياسەتچى: ساۋاقداشلار، شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، دوستلار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات بولغاندىلا ھەقىقىي دوست بولالايدۇ، سوۋغات ياكى نەرسە – كېرەك بەرسىلا دوست ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، تۇغۇلغان كۈندە سوۋغات بېرىش ئارقىلىق دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. دوستلۇقنى ھەقىقىي چىن ھېسسىيات ئارقىلىق قوغدىشىمىز لازىم!

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر