باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

دۇمچەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

      بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندىن باشلاپ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىدە 1 – ئەگمە – بويۇن ئومۇرۇتقىسى ئالدىغا پولتىيىپ چىقىدۇ. ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىدە 2 – ئەگمە كۆكرەك ئومۇرتقىسى كەينىگە پولتىيىپ چىقىش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە ئايلىقتىن ئىلگىرىكى بوۋاق ناۋادا ياخشى بولغان تىرىكى بولمىغاندا، ئۆزى يالغۇز ئولتۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقنىڭ كۆكرەك ئومۇرتقىسى بىر قەدەر ‹‹يۇمشاق›› بولۇپ، بەك كۈچەپ كەتكەندە ئېگىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقتا ئوڭايلا ئالدىغا ئېڭىشىپ قالىدىغان، ھەتتا كېيىنچە دۈمچەك بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بوۋاقنى بەك بالدۇر ئولتۇرغۇزۇش، تۇرغۇزۇش بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بوۋاقلارغا زۆرۈر بولغان ۋىتامىن A، D ۋە كالتىسىينى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش ۋە بويۇننىڭ ھەرىكەت دەرىجىسىنى كۆزىتىشى، بالىلارنىڭ قىياپىتى، ئورنىغا دىققەت قىلىش ھەمدە قەرەللىك ھالدا بەدەن سۈپىتىنىڭ تەرەققىياتىنى باھالىتىپ تۇرۇش لازىم.

      6 – 12 ياش مەزگىلىدە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ توغرا بولغان ئولتۇرۇش ۋە تۇرۇش قىياپىتىگە ئادەتلىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. ئازراق دۈمچەك بولۇشقا باشلىغان بالىلارنى بۇرۇنراق تۈزىتىشى، بالىلارغا كۆكرىكىنى كېرىپ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنى تەكىتلىشى لازىم. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دۈمچەك بولۇپ قېلىشنى تۈزەتمەك قىيىن بولىدۇ. بۇرۇنراق ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، دۈمبە قىسمىدىكى مۇسكۈللارنى مەشىق قىلدۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مەسىلەن، رادىيو گىمناستىكىسى ئويناش، سۇ ئۈزۈش، كۆكرەكنى كېرىپ پىيادە مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغان ھەرىكەتكەردۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر