باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

داھىي روھى

      26 – دېكابىر ئۇلۇغ داھىمىز ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى. بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا كۆپچىلىككە بىرنەچچە ھېكايە سۆزلەپ بېرەي، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى بىرلىكتە ئەسلەيلى.

      رەئىس ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەيتتى. جۇڭنەنخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئەتراپىدىكى خادىملارنىڭ چېچىنى ياسىتىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتى، بىراق چېچىنى كۆپتۈرۈۋېلىشىغا، مايلىۋېلىشىغا يول قويمايتتى. رەئىس ئۆزىنىڭ چېچىنى ياساتقاندىمۇ قولىغا كىتاب، قېرىنداش ئېلىپ كۆرگەچ بەلگە ئۇراتتى. بىر قېتىم ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ چېچىنى ياساۋاتقان ئۇستامغا: ‹‹سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىڭ، مەنمۇ ئۆز ئىشىمنى بېجىرەي›› دېگەنىدى.

      رەئىس پاك، دىيانەتلىك بولۇپ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇراتتى. ھەمىشە ئاددىي كىيىنەتتى، 1953 – يىلدىن 1962 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرەر يۈرۈش يېڭى كىيىم سېتىۋالمىغان. ئۇنىڭ ياخشىراق كىيىمىدىن ئىككى يۈرۈش بولۇپ چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە، دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىدىلا كىيەتتى، ئۆيىگە قايتقاندا كونا كىيىمىنى كىيىۋالاتتى. رەئىس دائىم بامبۇك چوكا ئىشلىتەتتى، ئەزەلدىن پىل چىشىدىن ياسالغان چوكىنى ئىشلەتمەيتتى. ئۇ: ‹‹پىل چىشىدىن ياسالغان چوكا بەك قىممەت، ئىشلىتەلمەيمەن›› دەيتتى.

      رەئىس ھاردىم – تالدىم دېمەي ئۆگىنىدىغان، كۆپنى كۆرگەن ئادەم ئىدى. خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب كۆرەتتى، ئۆگىنەتتى. ئۇنىڭ جۇڭنەنخەيدىكى تۇرالغۇسىدا ئىشخانا، تاماق ئۈستىلى، چاي شىرەسى، ھەتتا كارىۋات بېشىدىمۇ كىتابلار تىزىقلىق ئىدى، ئۇ كىتابنى تېزلا ئوقۇپ تۈگىتىدىغان ئۇسۇلغا قارشى بولۇپ كىتابنى بېرىلىپ، ئەستايىدىل ئوقۇيتتى. ئۇ ‹‹خەن چاڭلى شېئىرلار توپلىمى››دىكى ھەربىر شېئىرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغان، دۆلىتىمىزنىڭ تۆت چوڭ ئەسىرىمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمىغان، ئەلۋەتتە.

      ماۋ زېدۇڭنىڭ ھېكايىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ھەربىر ھېكايىسىدە چاقناپ تۇرغان كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ساۋاقداشلار، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە تايانچ ئىزباسارلىرىدىن بولايلى!

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر