باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت بىلىمىدىن سۇئال – جاۋاپلار

      سوئال: 2011 – يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى. ئاساسىي قاتلامدىكى چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنى، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىش لازىم. مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ ئەترەت بويىچە قانداق مەزمۇندىكى باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى؟

       جاۋاپ: ‹‹پىيونېرلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنەر›› باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى ئەترەتتە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  تەربىيە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلقى پۈتۈن ئىتتىپاق بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹‹پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە خىزمىتىدىن خەۋەردار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش›› باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسان پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹پىيونېرلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنەر›› باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت داۋامىدا تەربىيەچىلەر پائالىيەتنى بارلىق ئۆسمۈرلەرگە يۈزلەندۈرۈپ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەتلەرنىڭ تەشكىلىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ پىيونېرلار ياخشى كۆرىدىغان، داۋاملىق ئىشلىتىدىغان، پىششىق بىلىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى كەڭ – كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم؛ مۇھىم بايرام كۈنلىرى ۋە خاتىرە كۈنلىرى (چوكانتال بايرىمى، بالىلار بايرىمى، پارتىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى) نى چىڭ تۇتۇپ ئىجابىي تەربىيە، ئەمەلىيەت تەربىيەسى، مەدەنىي تەربىيە ۋە سېلىشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش لازىم؛ قەھرىمان ئوتتۇرا ئەترەت، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن قول تۇتۇشۇش، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىش، ئىنقىلابىي ھېكايىلارنى ئېيتىش، دەۋر ئاۋانگارتلىرىنى ئىزدەش، گۈزەل كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قاتارلىق ئەترەت پائالىيەت ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يىڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېڭى شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ دائىملىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئەترەتنىڭ كەسپىي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلار ۋە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە خۇلاسىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سەرخىل پائالىيەتلەرنى ۋە تۈرلەرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقىنى، ئىلمىيلىكىنى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر