باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادام ئۇقىدىكەن

دىلمۇرات دىلشات

      بۈگۈن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، سومكامنى ئاسقۇچقا ئاستىم ــ دە، تالاغا ماڭدىم. بىردىنلا دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

      ــ بالام، نەگە ماڭدىڭ؟

      ــ تالاغا.

      ــ كەل، ساڭا دەيدىغان گەپ بار.

      مەن ئامالسىز ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

      بالام، ــ دېدى دادام پەس، ئەمما جىددىي تەلەپپۇزدا، ــ يېقىندىن بېرى مەكتەپتىن كېلىسەن، سومكاڭنى قويۇپلا تالاغا يۈگۈرەيسەن. ئۆگىنىشىڭ قانداقراق؟

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھودۇقتۇم، چىرايىممۇ قىزىرىپ كەتتى. دېمىسىمۇ دادامنىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دادام ئىشىنىڭ ئالدىراشلىقىدا بىر نېمە دېمىسە، مېنىڭ ئويۇن قېپى بولۇپ كەتكىنىمنى تۇيمىدى دەپ يۈرۈپتىمەن. ئۇ ئۇقىدىكەن ئەمەسمۇ!

      ــ دادا، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، ــ دېدىم مەن يەرگە باققىنىمچە .....

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر