باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش

      كومپيۇتېرنىڭ ئېلېكتىرو ماگنىت رادىياتسىيەسىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر.

      كومپيۇتېرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئىشخانا شارائىتىمىز، ئىشلەش ئادىتىمىز ۋە ئىشلەش تەرتىپىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ئاجايىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، لېكىن ھازىرقى زامان ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان كومپيۇتېرنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن بىز مۇھىتتىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى كۆرەلمەسلىك ۋە سىلاپ بىلەلمىسەكمۇ ئۇنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز، شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.

      كىشىلەر دائىم دېگۈدەك كومپيۇتېرنىڭ ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسىنى كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ رادىياكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ، دەپ خاتا قارايدۇ. مۇتەخەسىسلەر شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، گەرچە كومپيۇتېر ئېكرانى قويۇپ بەرگەن مۇسبەت ئىيۇن مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى بىيو ـــ خىمىيەلىك پائالىيەتكە تەسىر كۆرستىپ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتسىمۇ، لېكىن كومپيۇتېرنىڭ ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ ئەڭ يامان يېرى ئۇنىڭ كەينى تەرىپى ۋە ئىككى يان تەرىپىدە بولىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنىڭ كەينى بىلەن بەك ھەپىلەشمەسلىك كېرەك. كومپيۇتېر ئىكرانى قوغۇشۇن تەركىبى بار ئەينەكتە ياسىلىدىغان بولۇپ، رادىياتسىيەنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇيالايدىكەن، ئەمما كومپيۇتېرنىڭ ئىككى يىنى ۋە كەينى تەرىپىىدە رادىياتسىيەنى توسۇدىغان نەرسە بولمىغاچقا، ئادەم ئەگەر بۇجايلارغا يېقىن تۇرسا رادىياتسىيە ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئادەم مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىسە، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە روھىي كەيپىياتى ناچار بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.

      مۇتەخەسسىسلەر كۆپچىلىكنى ئەسكەرتىدۇكى، كومپيۇتېرنىڭ كەينى تەرىپىنى ئەڭ ياخشىسى تامغا قارىتىپ قويۇش، شۇنداقلا كومپيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپيۇتېر ئارىلىقى 40 ـــ 50 سانتىمېتىر بولۇش كېرەك، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنىڭ يورۇقلۇقىمۇ بەك يورۇق ياكى بەك غۇۋا بولماسلىقى، كۈن نۇرىنىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىغا بېۋاستە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش لازىم، بىرەر سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن 10 مىنۇت دەم ئېلىش ھەمدە كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئىشلەش كېرەك. يەنە مېۋە ــ چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىچىش، ۋىتامىن A ۋە ئاقسىل تولۇقلاش تۇرۇش لازىم.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر