باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىتى

      چاتما رەسىملەر بىرقانچە رەسىملەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بىر – بىرىگە باغلىنىدىغان بەلگىلىك ۋەقەلىك جەريانىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل رەسىملەر ئاساسىدا ماقالە يازغاندا، ۋەقەنىڭ پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش تەرتىپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە ئۇنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

      چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىشتا مۇنداق ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     (1) ھەربىر پارچە رەسىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپىنى تېپىپ چىقىپ، ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات جەريانىنى ئېنىق ئىگىلەش كېرەك.

     (2) چاتما رەسىملەردە پەقەت ئىش – ھەرىكەت جەريانىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەرەپلەرلا كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا تەسەۋۋۇر ئارقىلىق كونكرېت تەپسىلاتلارنى تولۇقلاشقا، رەسىملەرنى بىر – بىرىگە تەبىئىي ھالدا باغلاشقا ھەمدە ئىش – ھەرىكەتلەر تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپلەرنى تەپسىلىي ھەم كونكرېت تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

     ساۋاقداش، مۇبادا سىز بىرقانچە رەسىملەرنىڭ باغلىنىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەنىنى ماقالە شەكلى ئارقىلىق يېزىپ چىقماقچى بولسىڭىز، ھەر بىر رەسىمنىڭ مەنىسىنى ئايرىم – ئايرىم چۈشىنىشتىن تاشقىرى، ھەمدە رەسىمنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈن ۋەقەلىك جەريانى ياكى بىر پۈتۈن مەنىنى تېخىمۇ پۇختا ئىگىلەپ، مەزمۇن جەريانىنى تەسەۋۋۇرىڭىز ئارقىلىق يەنىمۇ كونكرېت، يەنىمۇ ئوبرازلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، جانلىق ھەم تەبىئىي ھالدا يېزىپ چىقىشقا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بىلەن قاراڭ.

     

(ئۆرنەك)

ئانىنى ئالغىلى بېرىش

زۇلپىيە مۇتەللىپ

      يازلىق تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دىلشات ئۆيدە پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇشتۇمتۇتلا ھاۋا قاراڭغۇلىشىپ، ئارقىدىنلا شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. ھايالسىزلا دەرىزە ئەينەكلىرى نەملىشىپ غۇۋالىشىپ كەتتى. دىلشات دەرىزىنى ئېچىۋېدى، مۇزدەك سوغۇق يامغۇر تامچىلىرى يۈزلىرىگە ئۇرۇلدى. ئۇ دەرىزىنى يېپىپ سائەتكە قارىۋىدى، ئاپىسىنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. ئۇ: ‹‹ئاپام بۈگۈن كۈنلۈكمۇ ئالماستىن ئىشقا كېتىپتىكەن، ئۇ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپمۇ يەنە خېلى ئۇزۇن پىيادە ماڭىدۇ. بۇ قاتتىق يامغۇردا ئۇ قانداقمۇ كېلەر؟›› دەپ ئويلىدى – دە، ئەنسىرىگەن قىياپەتتە سىرتقا قارىدى. يامغۇر بىر خىل رېتىمدا شارقىراپ ياغماقتا ئىدى. دىلشات تېپىرلاپ كەتتى. ‹‹ئاپلا، چاتاق بولدى، ئاپام قانداقمۇ كېلەر؟›› ئۇ توختىماستىن ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلايتتى: ‹‹مەن مەكتەپتىكى چاغدا ھەر قېتىم يامغۇر ياغسا قورقۇپ يىغلاپ كېتەتتىم، ئەمما، دەرۋازا ئالدىغا چىقىپلا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئاپامنى كۆرۈپ يايراپ كېتەتتىم. بۈگۈن ئاپام ۋە رەزىنكە ئۆتۈكنى ئالماي كېتىپتۇ. مەن ئاپتوبۇس بېكىتىگە بېرىپ، ئۇنى ساقلىشىم كېرەك››.

      دىلشات شۇ ھامان يامغۇر چاپىنىنى كىيىپ، ئاپىسى ئۈچۈن كۈنلۈك ۋە رەزىنكە ئۆتۈكلەرنى ئالدى – دە، 312 – يولنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ، چوڭ – چوڭ قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى. يامغۇر بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. تۆت ئەتراپ خۇددى مەرۋايىت پەردە تارتىپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى. يول بويىدىكى دەل – دەرەخلەر يامغۇر تامچىلىرى ئۇرۇلۇۋاتقان شاخلىرىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن لىڭشىتاتتى. يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ھورلار يامغۇر تامچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، بىر قەۋەت تۇمان ھاسىل قىلغانىدى.

      دىلشات ئۇزۇن ئۆتمەيلا بېكەتكە يېتىپ كەلدى – دە، ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى تەقەزالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى. يامغۇر سۈيىن بارغانسېرى كۆھەيمەكتە، خۇددى ئەينەكتەك سۈيۈك يامغۇر سۈيى ئۈستىدە دىلشات ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ، پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ قويدى. دەل شۇ چاغدا بىر ئاپتوبۇس يېتىپ كەلدى. دىلشات خۇشاللىقتىن: ‹‹ئاپا!›› دەپ توۋلىۋەتتى. ئاپتوبۇس ئىشىكى ئېچىلدى، ئەمما دىلشات شۇنچە تەلمۈرۈپ قاراپمۇ ئاپىسىنى كۆرەلمىدى. چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئاپىسى ھېچبىر كۆرۈنمەيتتى. ‹‹ھەي، ئاپام قېنىدۇ؟ ئۇ زاۋۇتتا قالغاندىمۇ – يا؟ ياق، ئۇ مېنىڭ ئۆيدە يالغۇزلۇقىمنى بىلىدۇ، مەندىن ئەنسىرەپ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. مەن يەنە ساقلاپ باقاي›› دېدى ئۇ ئۆز – ئۆزىگە.

      كوچىدا ئادەملەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، پەقەت دىلشاتلا ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپىسىنى كۈتۈپ تۇراتتى، بۈگۈن ئۇ پەقەتلا قورقمىدى، بۇرۇنقىدەك يىغلىمىدى. چۈنكى ئۇ ئاپىسىنى ساقلاۋاتاتتى، يەنە بىر ئاپتوبۇس كەلدى، ئىشىك ئېچىلدى، كىشىلەر بىر – بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدى. دىلشدت ئادەملەر ئارىسىدىن ھەدەپ ئاپىسىنى ئىزدەيتتى، ھەربىر ئادەمگە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆز سالاتتى. مانا، ئۇ تونۇش بىر چىراينى كۆردى، ئەنە ئاۋۇ ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقان ئېگىز بويلۇق، ئۇزۇن چاچلىق، يارىشىملىق يوپكا – چاپان كېيگەن ئايال دەل ئۇنىڭ ئاپىسى ئىدى. ‹‹ئانا!›› – دىلشات خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى، ئانا ئۇنى مىھرىبانلىق بىلەن باغرىغا باستى، ئانىنىڭ ھاياجان ياشلىرى يامغۇر تامچىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى.

 (باھا)

      ئاپتور بۇ ماقالىدە رەسىم مەزمۇنىنى نېمە دېگەن جانلىق، نېمە دېگەن ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن – ھە! ئاپتور رەسىم مەزمۇنىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، يامغۇر، ئورمان، بېكەت ۋە ئاساسلىق پېرسوناژنى جانلىق ھەم كونكرېت تەسۋىرلىگەن، شۇ ئارقىلىق ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن.

      ساۋاقداش، بۇ ماقالىدە تەسەۋۋۇرنىڭ قانچىلىك قوللىنىلغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئاپتور ماقالىدە مەركىزىي ئىدىيەنى چۆردىگەن ھالدا رەسىمگە ماس ھالدىكى تەسەۋۋۇرىنى قانات يايدۇرغان. مەسىلەن، پېرسوناژغا قويۇلغان ئىسىم، يازلىق تەتىل، دىلشاتنىڭ ئويلىرى، يامغۇرنىڭ كۆرۈنۈشى، دەل – دەرەخلەر، يامغۇر سۇلىرى، ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشى، دىلشاتنىڭ ئاپىسىغا تەلمۈرۈشى، ئاپىسى كەلگەندە ئۆزىنى ئاپىسىنىڭ باغرىغا ئېتىشى، ئاپىسىنىڭ كۆز ياشلىرى ... مانا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى رەسىمدە ئېنىق كۆرسىتىلگىنى يوق. بۇلار ئەمەلىيەتتە، ئاپتورنىڭ رەسىم مەزمۇنىغا ماس ھالدا ئېلىپ بارغان تەسەۋۋۇرلار رەسىم مەزمۇنىنى جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئوبرازلىق ھالغا كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

      تەسەۋۋۇر بۇرۇن كۆرگەن – ئاڭلىغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، تېخى كۆرمىگەن كۆرۈنۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئىجادىيەتنىڭ ھەمراھى، تاپشۇرۇق ماقالىلىرىنى يېزىشىمىزدىكى ياخشى دوستىمىز، بولۇپمۇ رەسىمگە قاراپ ماقالە يازغاندا ھەرىكىتى، روھىي ھالەتلىرى، ۋەقەلىك تەرەققىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مانا دەل تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ. شۇڭا رەسىمگە قاراپ ماقالە يازغاندا، رەسىمدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى يېزىش بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى رەسىمنى تەپسىلى كۆزىتىپ قانداقلىقىنى يېزىپ چىقىشىمىز، رەسىمنىڭ مەزمۇن تەرتىپى ئاساسىدا، ۋەقەلىك جەريانلىرىنى ئېنىق تاپشۇرۇشىمىز، رەسىم مەزمۇنىنى ئوبرازلىق، جانلىق تىللار ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، پېرسوناژنى ھەرىكىتى، تىلى، ھېسسىياتى، روھىي ھالىتى بار بولغان ھايات ئادەملەرگە ئوخشاش تەسۋىرلەپ چىقىشىمىز لازىم. مانا بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنداشتا، بىز يەنىلا تەسەۋۋۇرغا تايىنىمىز. دېمەك، تەسەۋۋۇر بىزنىڭ دوستىمىز. ساۋاقداش، قېنى سىزمۇ رەسىملەرنى كۆزىتىپ تەسەۋۋۇر قىلىپ برقىڭچۇ؟

      

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر