باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

مۇزنىڭ شىپالىق رولى

      مۇز قاننى توختىتىدۇ. تېرە يۈزى ياكى تېرە ئاستىدىن قان چىقىۋاتقاندا، قان چىقىۋاتقان جايغا مۇز چاپلاپ بەرسە قان توختايدۇ.

      مۇز كۆيۈككە شىپا بولىدۇ، قول ياكى بەدەننىڭ بەزى جايلىرى كۆيۈپ قالغاندا، مۇزنى كۆيگەن جايغا يىنىك چاپلاپ بەرسە، ئاغرىق توختاپلا قالماستىن قىزىرىپ ئىششىشنىڭ ۋە سۇلۇق قارتما بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

      مۇز باكتېرىيەنى تىزگىنلەيدۇ، كېسەلنىڭ باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان جايغا مۇز يىقىپ بەرسە، باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      مۇز قىچىشىشنى توختىتىدۇ، بەدەننىڭ بىرەر يېرى قىچىشقاندا، قاشلىغاندا ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، قاشلىغانسېرى تېخىمۇ قىچىشىدۇ، ئەگەر قىچىشقان جايغا مۇز يېقىپ بەرسە، قىچىشىشنى تەلتۆكۈس تۈگەتكىلى بولىدۇ.

      مۇز ئاغرىقنى توختىتىدۇ، ئېھتىياتسىزلىقتىن بارماق ئۇچىغا تىكەن كىرىپ كېتىپ يىڭنە بىلەن ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، بارماق ئۇچىنى مۇز ئۈستىگە قويۇپ قولاشتۇرغاندىن كېيىن ئالسا، ئاغرىغانلىقىنى سەزمەيدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر