باش بەت | مەكتەپلەر

تېتىر باشلانغۇچ مەكتىپى

       ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى تېتىر باشلانغۇچ مەكتىپى 1934 – يىلى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ 19 سىنىپى، 37 ئوقۇتقۇچىسى، 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولغان، ئەسلىھەلىرى تولۇق مەكتەپكە ئايلاندى.

       بۇ مەكتەپ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئىلمىي، دېموكراتىك ئۇسۇل قوللىنىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ كەلدى. مەكتەپ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ‹‹تەۋپىق غۇنچىلىرى›› يېزىقچىلىق كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى، ‹‹تارىم غۇنچىلىرى›› ژۇرنىلى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىندى. 20 پارچىدىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت ئەسىرى يېزا، شەھەر بويىچە مۇكاپاتلاندى. مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىسى يېزا، شەھەر بويىچە 1 –، 2 – لىككە ئېرىشتى. بۇ مەكتەپ يېزا، شەھەر تەرىپىدىن ‹‹ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹قىزىلبايراقدار چوڭ ئەترەت››، ‹‹ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن›› قاتارلىق شەرەپلەر ئېرىشتى.

   سۈرەتتە: مەكتەپ مۇدىرى ھەسەنجان ئېلى.

سۈرەتتە: مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئابدۇراخمان ئابلىمىت.

سۈرەتتە: مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

سۈرەتتە: رەسىم كۇرۇژۇكىدىن كۆرۈنۈش.

سۈرەتتە: ئەترەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

سۈرەتتە: مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى تىرېنېر ۋە پۇتبولچىلار.

 

     قۇربانجان توختى خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر