باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلار ۋە ئالتە خىل يېمەكلىك

      كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر: بۇ خىل ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كوفىئىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلاش رولىنى ئويناپ، بالىلارغا يوشۇرۇن زىيان يەتكۈزىدۇ.

      ئېتىلدۇرۇلغان گۈرۈچ: بۇنىڭ تەركبىدە قوغۇشۇن مىقدارى يۇقىرى بۇلۇپ، نېرۋا، ھەزىم قىلىش يوللىرىنى، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا بالىلاردا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      مېھرىگىياھ : بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەر ئىلگىرى سۈرۈش خاراكتېردىكى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش رولىنى ئويناپ، بالىنىڭ بالدۇر بالاغەتكە يېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ نۇرمال ئۆسۈشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      سېغىز: سېغىزنىڭ تەركىبىدە ئېلاستىكىلىقنى ئاشۇرۇش خۇرىچى قاتارلىق كۆپ خىل خۇرۇچلار بۇلۇپ بۇنىڭ ھەممىسى مىكرو مىقداردا زەھەرلەش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.

      پالەكنى بالىلار كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەنىدە كالتىسي يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئۇستىخانغا ۋە چىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بويى ئۆسمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      شېكەر جەۋھىرى: بالىلارغا شېكەر جەۋھىرىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلدۇرغاندا، قاننىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئازايتىپ بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەك، مېڭە، دوۋساق قاتارلىق ئىچكى ئەزالارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

مەنبە: ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر