باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مائارىپقا بېغىشلانغان رىشتە

ئەخمەتجان ھوشۇر

      ئۇلۇغۋار ئارزۇ، مۇستەھكەم ئىرادە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئۆز كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان ئۇستازلار ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا لايىق. كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كۈچلۈك كەسىپچانلىقى بىلەن كەسىپداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلدى.

      ئەنۋەرجان ياسىن 1991 – ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ باغراش ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارنىڭ فىزىكا دەرسىنى ئۈستىگە ئالدى، سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە كۈچ چىقاردى. ئۇ سىنىپ مەسئۇلى بولغان سىنىپتىن تۆت ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شىنجاڭدىكى ئەليۇلئەلالار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ جەرياندا ئەنۋەرجانمۇ ئۇدا بىرقانچە يىل ناھىيە، ئوبلاست تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى››، ‹‹ئىلغار خىزمەتچى›› بولۇپ تەقدىرلەندى.

      ئەنۋەرجان ياسىن 1996 – يىلى 3 – ئايدا كورلا شەھىرىگە يۆتكىلىپ، شەھەردىن ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لەنگەر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. 2006 – يىلى 9 – ئايدا شەھەر مەركىزىدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوشئېرىق يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مۇدىرىلىق خىزمىتىگە يۆتكەلدى. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە يېتەكلەشنى چىڭ تۇتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدە خېلى چوڭ ئىلگىرىلەش كۆرۈلۈپ كورلا شەھىرى بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئوبلاست بويىچە ‹‹ئوقۇتۇش ماھىرى›› بولۇپ باھالاندى.

      2008 – يىلى 11 – ئايدا ئەنۋەرجان كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ يۆتكەلدى. ئۇ يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ شەھەرگە يېقىن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تولۇق، سەرخىل بولۇشىدەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن يېزىنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىدى. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇردى. 40 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىناق، بىر – بىرىنى قوللايدىغان مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى بەرپا قىلدى. رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ قابىلىيەتلىك، ياراملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى، ئاجىزلارغا ئۆزىنى تونۇش ۋە كۈچەيتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىسى ئوقۇتقۇچىلاردا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەردى. ئوقۇتقۇچىلارنى خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. ‹‹ئىتتىپاقلىشىش، تىرىشىش، مەدەنىي بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش››تەك مەكتەپ ئىستىلى، ‹‹كەسىپنى سۆيۈش، كەسىپچان بولۇش، تەلەپچان بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش››تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئىستىلىنى بەرپا قىلدى.

      ئەنۋەرجان ياسىن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ باردى. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىقتىدار سىناش مۇسابىقىلىرى، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوقۇتۇش ئىقتىدارى مۇسابىقىلىرى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلاردا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس پىلانى، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. قەرەلسىز دەرس ئاڭلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. خەنزۇ مەكتەپلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ‹‹قول تۇتۇشۇپ›› بىرلىكتە ئۆگىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى.

      مەۋسۇمدە بىر قېتىم مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىتىش يېڭىشەھەر يېزىلىق مەكتەپتە تۈزۈملەشتى. ئەنۋەرجان ھەر مەۋسۇمدە بىر قېتىم بايىغولىن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە مەخسۇس قانۇن بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ۋە قانۇن – تۈزۈمگە بويسۇنۇش ئېڭىنى كۈچەيتتى.

      ئەنۋەرجان ياسىن باشلامچى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلدى. ھەر قېتىم يېڭى يىل، چاغان، روزى ھېيت، قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا قىينچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراپ، قىيىنچىلىقى بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەردى.

      ئەنۋەرجان ياسىننىىڭ تىرىشچانلىقى مەكتەپنى ۋە ئۇنى شان – شەرەپكە ئىگە قىلدى. مەكتەپ 2008 – يىلدىن 2010 – يىلغىچە ‹‹مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ››، ‹‹ئىلغار مائارىپ پارتىيە ياچېيكىسى››، ‹‹جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ››، ‹‹ئەخلاقىي تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ››، ‹‹قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ›› دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. ئەنۋەرجانمۇ ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، شەھەر تەرىپىدىن ‹‹فىزىكا ئوقۇتۇش ماھىرى››، ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹ئىلغار پارتىيە ئەزاسى››، ‹‹ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر