باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يۆتەل دورىسى ئىشلەتكەندە

      سىز زۇكام تۈپەيلىدىن يۆتەل بولۇپ قالسىڭىز ياكى داۋاملىق يۆتەلسىڭىز، شۇ ھامان يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى شىپالىق دەپ ئىشلەتمەڭ. دوختۇر كېسەل ئەھۋالىڭىزنى سورىغاندا، داۋاملىق يۆتەلگەندە بەلغەم بار، يوقلىقىنى سورايدۇ. بەلغەم كۆپ بولغان ئاغرىقلارغا ئالدى بىلەن يۆتەل دورىسى بەرمەي بەلغەم بوشىتىش ۋە توختىتىش دورىسى بېرىدۇ. ئەگەر بەلغەم كۆپ بولغاندا يۆتەل دورىسى ئىچسە، بەلغەمنىڭ نەپەس يولىدا توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەلغەمنى تازىلاشقا پايدىسىز بولىدۇ. بەلغەمنىڭ توپلىنىشىنى، مىكروپلارنىڭ بۇلغىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولىدۇ. شۇڭا بەلغەم كۆپ بولغان يۆتەلگە بەلغەم توختىتىش دورىسى ئىشلىتىش، ھەرگىزمۇ يۆتەل دورىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
 
مەنبە: جوڭگو رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر