باش بەت | پىسخىكا

روھى جەھەتتىن قېرىشنىڭ ئىپادىلىرى

      پىسخولوگلار ئادەم قېرىماي تۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن قېرىپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنى ‹‹پىسخىك جەھەتتىن قېرىش›› دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە :

      رىقابەت ئېڭى ئاجىزلىشىش. ئۆز كەسپىگە نىسبەتەن يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولماسلىق، تۇرمۇشىنى مەنىسىز ھېس قىلىش، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ‹‹ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق››بولۇش.

      ئۆز – ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، كەمسىتىش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولۇش. ھەمىشە خۇرسىنىپ، دەۋرگە نىسبەتەن ئۆزىنى سەپتىن چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىش.

      ئىنكاسى نورمال بولماسلىق. بەزى ۋاقىتلاردا ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىپ، ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قېلىش، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا كۆپچىلىككە بەك ئارىلىشىپ نېمە قىلىمەن، دەپ ئويلاپ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا يۈزەكى ئىنكاس قايتۇرۇش.

      جاھىل، شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىش. قانداقلا ئىش قىلسۇن، ئۆزىنى مەركەز قىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىش.

      يالغۇزلۇقنى خالاش. تۇرمۇشتا كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا قاتتىق قايغۇرۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ، ئۆزى يالغۇز يۈرۈشنى ۋە جىمجىتلىقنى خالاش.

      ئىدىيە جەھەتتىن دەماللىققا تەدبىرلىك بولالماسلىق. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا يولۇققاندا  ھەمىشە نېمە قىلىشىنى بىلمەي قېلىش.

      كەيپىيات جەھەتتە ئالدىراڭغۇلۇق. تۇرمۇشتا بارغانسېرى ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلىدىغان بولۇپ كېتىش سۆز – ھەرىكەتتە بارغانسېرى كاللا ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ كېتىش.

      تەدرىجى ھورۇنلىشىش. روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ، زېھنىي قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمىغاندەك ھېس قىلىش، جىمجىتلىقنى خالاپ، ۋاراڭ – چۇرۇڭنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىش، كۆپ ئۇخلاش، ھەمىشە ھاراق ۋە چاي ئىچىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش.

 

مەنبە: ئانا دىيار تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر