باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

شەرەپ بايرىقى ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ھەمراھ

      پائالىيەت مەقسىتى:

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 90 يىل بولغان خۇشاللىق پەيتتە تېمىلىق ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، پىيونېرلارنى تىرىشىدىغان نىشاننى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ تەلىپى بويىچە شەرەپ بايرىقى ئاستىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەش.

      پائالىيەت باسقۇچى

      بىرىنچى، ئەترەت يىغىنى مۇراسىمى

      ھەرقايسى كىچىك ئەترەت ئادەم سانىنى دوكلات قىلىش؛ بايراق چىقىرىش، ھۆرمەت سالىمى بېرىش، ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتىش.

      ئىككىنچى، پائالىيەتنى باشلاش

      رىياسەتچى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن تۆت كىچىك ئەترەتنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى قىسقىچە ئەسلەپ، تۆت كىچىك ئەترەتنىڭ دوكلات قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

      1. بىرىنچى كىچىك ئەترەت: ئابىدە كۆزىتىش ئۆمىكى — ئابىدە كۈنبويى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، پارتىيە بولغاچقىلا يېڭى جۇڭگو بولغان. بىرىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئابىدە تەكشۈرۈش پائالىيىتىدىكى چۈشەنچىسى، تەسىراتىنى دوكلات قىلىدۇ.

      (1) قىزىل كىنولارنى تەۋسىيە قىلىش تىزىملىكى

      پائالىيەتتىن بۇرۇن ‹‹سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزىل كىنو قايسى››، ‹‹كىنودىكى سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەخس قايسى›› دېگەن مەسىلىگە قارىتا پۈتۈن مەكتەپتىكى پىيونېرلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پىيونېرلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزىل كىنونى تاپىدۇ ھەم تەۋسىيە قىلىش سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      (2) ‹‹يالتىراپ تۇرىدىغان ئابىدە››گە ئېھتىرام بىلدۈرۈش

      ھېكايە ئارقىلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ساداسىنى كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىش، ئۆزى قىزىل كىلاسسىك قىسقا سىنارىيەلەرنى تەييارلاپ ئۆزى ئورۇنلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ‹‹قەلبىدىكى قىزىل مەبۇدە››نى نامايان قىلىش.

      (3) ‹‹ئابىدىدىن ئالغان ئىلھامى››نى دوكلات قىلىش

      ئابىدە تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتنىشىپ ھېس قىلغان تەسىراتىنى كىچىك گېزىت قىلىپ ياكى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ چىقىپ كىچىك گېزىت قىلىپ قارا تاختايغا چاپلاپ، پۈتۈپ ئوتتۇرا ئەترەتكە نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقتتا كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ پارتىيەگە بولغان يېڭى تونۇشىنى دوكلات قىلىش.

      2. ئىككىنچى كىچىك ئەترەت: پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئەترىتى — قەلبىمدىكى پارتىيە تارىخىنى ئەسلەش

      (1) ‹‹بوران – چاپقۇنلۇق 90 يىل››نى قىسقىچە بايان قىلىش

      ‹‹قايسى يىلى، قايسى كۈندە قاراڭغۇلۇقنىڭ جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىغاانلىقى؛ قايسى يىلى، قايسى كۈنى جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدە مەخپىي يىغىن ئاچقانلىقى، ئۇچقۇننىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئويغاتقانلىقى؛ قايسى يىلى، قايسى كۈنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تيەنئەنمېن راۋىقىدا چىقىرىلىپ، نەچچە يۈز مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ تەنتەنە ساداسىنىڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىغا ياڭرىغانلىقى قاتارلىق 90 يىللىق بوران – چاپقۇنلۇق مۇساپىنى مەڭگۇ ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىملىقى››نى كىچىك ئەترەتتىكى بالىلار شېئىرىي دېكلاماتسىيە قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      (2) توردا ‹‹قىزىل ساياھەت››نى دوكلات قىلىش

      ئىككىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار توردىن توپلىغان ئىنقىلابىي ئىزلار، خاتىرە سارىيى، ئىنقلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق ‹‹قىزىل خاتىرە جايلار››دىن ئالغان تەسىراتىنى نۇقتىلىق ھالدا دوكلات قىلىدۇ.

      (3) ‹‹قەلبىمدىكى پارتىيە تارىخىي خەرىتىسى››نى نامايان قىلىش ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسەن ئىككىنچى ئەترەتتىكى پىيونېرلار ئۆزى تەييارلىغان ‹‹قەلبىمدىكى پارتىيە تارىخى خەرىتىسى››نى كۆرسىتىدۇ، كىچىك ئەترەت سايلاپ چىققان چۈشەندۈرگۈچى نۇقتىلىق ئىزاھات بېرىدۇ.

      3. ئۈچىنچى كىچىك ئەترەت: قىزىل ناخشا تېپىش — قەلبىمدىكى تەسىرلىك قىزىل ناخشىنى ئېيتىش

      (1) پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىدىن قانچىنى بىلىسىز.

      ئۈچىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىش

      (2) قىزىل ناخشىدىكى كىچىك ھېكايە

      پىيونېرلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى ئېيتىدىغان ناخشىدىن بىرنى تاللاپ ناخشا تېكىستىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ناخشىنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. يەنە نۇرغۇن بالىلار ناخشىلىرى يېڭى بىر ئەۋلادلارنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈشىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، پىيونېرلارنى ناخشىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەشكە يېتەكلىسە بولىدۇ.

      (3) مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

      پىيونېرلارنىڭ ناخشا تېكىستىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرا ئەترەتتىكى بارلىق پىيونېرلار بىرلىكتە بىر قىزىل ناخشىنى ئېيتىدۇ.

      4. تۆتىنچى كىچىك ئەترەت: ئاۋانگارتلارنى زىيارەت قىلىش ئەترىتى — ئەتراپىمىزدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش

      1. ئاۋانگارتلارنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن دوكلات قىلىش.

      تۆتىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان ئىش ئىزلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى دوكلات قىلىپ ئۆزىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇشى، زىيارەت قىلغاندىكى تارتقان سۆرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق زىيارەت جەريانى ۋە ھېسسىياتىنى خاتىرىلىسە بولىدۇ.

      (2) ئاۋانگارتلار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىش

      مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسى ئارقىلىق پىيونېرلارنى كىشىلىك ھايات قارىشى ياكى ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.

      5. بارلىق پىيونېرلار: بايراق ئاستىدا قەسەم بېرىش

      (1) پارتىيەنىڭ نۇرى قەلبىمنى يورۇتتى

      ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ۋەتىنىمىزنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. زامانىۋى ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق پىيونېرلارنى ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى سېلىشتۇرۇشقا، يۇرتى ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى چۈشىنىۋېلىشقا، ئۆزىنڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

      (2) بالىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ

      پارتىيە بايرىقىنىڭ يېنىغا ھەربىر پىيونېر ئۆزىنىڭ ئىسمى يېزىلغان قىزىل قەغەزنى چاپلايدۇ.

      (3) شەرەپ بايرىقى ئاستىدا قەسەم بېرىلىدۇ.

      پارتىيە بايرىقى ئاستىدا پىيونېرلار تەنتەنىلىك ھالدا: ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر›› بولۇپ، مەڭگۇ پارتىيەگە ئەگىشىپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكى توغرىسىدا قەسەم بېرىلىدۇ.

      ئۈچىنىچى، تەربىيەچى سۆز قىلىدۇ

      تۆتىنىچى، ئالقىش ياڭرىتىلىدۇ

      بەشىنىچى، ئەترەت يىغىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىنىدۇ

      ئالتىنچى، بايراقنى يىغىش، ھۆرمەت سالىمى بېرىلىدۇ

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر