باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

كوزىدىكى تىللا

       بۇرۇن باغدات شەھىرىدە ئەلى ئىسىملىك بىر بويتاق بار ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ ساياھەتكە چىقىش قارارىغا كەپتۇ، بىراق قولىدىكى تېرىپ – تەرمەپ يىغقان يۈز تىللا پۇلىدىن خاتىرجەم بولالماپتۇ، ئۆيىدە قويۇپ كېتەي دېسە، ئوغرىلارنىڭ ئوغرىلاپ كېتىشىدىن، بىللە ئېلىپ كېتەي دېسە، قاراقچىلارنىڭ بۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. ئۇ ئاخىرى تىللانىڭ ھەممىسىنى بىر كوزىغا سېلىپ، ئۈستىگە لىق ماش تولدۇرۇپ قويۇپتۇ – دە، كوزىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم بېكىتكەندىن كېيىن، ئۇنى ھەقەمسايىسى گۈرۈچ دوكىنىنىڭ خوجايىنىغا بېرىپ، ساقلاپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ.

      ئەلى بىر كەتكەن پېتى يەتتە يىلغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. بىر كۈنى دۇكان خۇجايىنىنىڭ ئايالى ئاشقا ماش سالماقچى بوپتۇ. بۇ چاغدا خۇجايىن كۆڭلىدە، ئەلى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. شۇڭا ئۇ ئامبارغا كىرىپ ئەلىنىڭ ماش قاچىلانغان كوزىسىنى تېپىپ چىقىپتۇ. كوزىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قارىسا، ماش سېسىپ كەتكەنىكەن، قولىنى ئىچكىرىگە ساپتىكەن، قولىغا تىللا ئۇرۇنۇپتۇ. بۇنىڭدىن جوجايىن قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئەتىسى، دۇكان خۇجايىنى كوزىدىكى تىللالارنى ئېلىۋېلىپ، ئورنىغا بازاردىن ماش ئېلىپ كېلىپ كوزىنى لىق تولدۇرۇپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش قىلىپ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ قويۇپتۇ.

      بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئويلىمىغاندا ئەلى سەپەردىن قايتىپ كەپتۇ. ئۇ كوزىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئېچىپتىكەن، ئىچىدىكى تىللانىڭ ھەممىسى يوق تۇرغۇدەك. ئۇ دۇكان خۇجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەكەللۇپ بىلەن:

      – كوزىدىكى تىللانى ئىشلىتىپ قويغان بولسىڭىز، ماڭا بىر ھۈججەت يېزىپ بېرىڭ، تاپقاندا بەرسىڭىز بولىدۇ، – دەپتۇ.

      – يالغان ئېيتما، – دەپتۇ خوجايىن بۇ ئىشتىن تېنىۋېلىپ، – كوزىغا قاچىلانغان نەرسەڭنىڭ ھەممىسى ماش ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە تىللا نېمە قىلىدۇ، يوقال كۆزۈمدىن!

      ئەلى خەلىپەنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىپتۇ. خەلىپە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

      – كوزىغا تىللا سالغانلىقىڭىزنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟

      – يوق، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەلى.

      – كۆرگەن ئادەم بولمىسا، گېپىڭىزنى قانداق راست دېگىلى بولىدۇ؟

      ئەلىنىڭ پۇل يوقاتقانلىق خەۋىرى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كېتىپتۇ، كىشىلەر پاراڭلىرىدا ئەلىنىڭ راستچىل، سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكى، دۇكان خۇجايىنىنىڭ يالغانچى، قۇۋ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. پۇقرالارنىڭ گەپ – سۆزلىرى خەلىپىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خەلىپە ئاددىي پۇقرا سىياقىدا ياسىنىپ، ئەھۋالنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئۇقۇپ كۆرۈش ئۈچۈن، كوچا – بازارلارنى ئايلىنىپتۇ. ئۇ بىر كۈنى كەچقۇرۇن يولدا كېتىۋاتسا، ئۈچ ئوغۇل بالا يولنىڭ چېتىدە ‹‹ئويۇن›› ئويناۋاتقانىكەن: ئۇلار ئوينىغان ئويۇندا بىرسى ئەلىنىڭ رولىنى، يەنە بىرسى دۇكان خوجايىنىنىڭ رولىنى، بېشىغا سەللە ئورۇۋالغان ئۈچىنچى بىرسى خەلىپىنىڭ رولىنى ئويناپتۇ.

      ‹‹خەلىپە›› كوزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ‹‹ئەلى›› بىلەن ‹‹خوجايىن››دىن سوراپتۇ:

      – شۇنداق، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىككەيلەن.

      ئاندىن ‹‹خەلىپە›› كوزىنىڭ ئىچىدىن پۇرچاقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قاتتىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بەزىلىىنىڭ شۇنداق يېڭى، يومشاق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئاخىرى ‹‹خەلىپە›› ‹‹خۇجايىن››نىڭ بۇرنىغا نوقۇپ تۇرۇپ:

      – يالغان ئېتتىڭ، سەن ئەلىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىغان ئوغرى، – دەپتۇ.

      خەلىپە بۇ ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن، بىر تۇرۇپ ھەيران بوپتۇ، بىر تۇرۇپ خۇشال بوپتۇ. ئەتىسى ئادەم ئەۋەتىپ ئەلىنى ماش سالغان كوزىسىنى ئېلىپ ئوردىغا كېلىشكە چاقىرتىپتۇ، يەنە دۇكان خوجايىنىنى، ماش سودىگىرىنى ۋە ھېلىقى خەلىپىنىڭ رولىنى ئوينىغان بالىنى چاقىرتىپتۇ. خەلىپە ھېلىقى بالىغا:

      – مەن بۈگۈن ئەلىنىڭ ئەنزىسىنى سوت قىلىشنى ساڭا تاپشۇرىمەن. مەن سېنىڭ ھەم ئادىل، ھەم ئەقىللىق بالا ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن، كىمنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىغا توغرا ھۆكۈم چىقىرالايسەن، – دەپتۇ.

      ھېلىقى بالا راست دېگەندەك ھەقىقىي بىر خەلىپىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇ بىرچەتتە قاراپ تۇرغان ماش سودىگىرىگە دەپتۇ:

      – سىز قاراپ بېقىڭ، كوزىدىكى ماشنىڭ سېلىنغىنىغا قانچە ۋاقىت بولغاندۇ؟

      سودىگەر كوزىدىكى بىرنەچچە تال ماشنى ئېلىپ، بىر – بىرلەپ ئاغزىغا سېلىپ، تېتىپ كۆرۈپتۇ – دە، ئاخىرىدا يەكۈن چىقىرىپ:

      ئۇنىڭ گېپى تۈگە – تۈگىمەيلا ‹‹خەلىپە›› خوجايىنغا ۋارقىراپتۇ:

      – كوزىدىكى تىللانى سەن ئالغان، تىللانى ئېلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ماش تۆكۈپ قويدۇڭ، بۇ ئىشلار ناھايىتى ئېنىق ئەمەسمۇ؟

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوجايىننىڭ چىرايى تاتىرىپ، تىلى تۇتۇلۇپتۇ، يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئەلى بىر چەتتە كۈلۈپ قاراپ تۇرۇپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر