باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

پەخىرلىك ئۆسمۈر مىرزاتجان

ئابلەھەت باھايىدىن

      يېقىندا توقسۇن ناھىيەسى چوڭكۆۋرۈك باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىق 3 – سىنىپنىڭ باشلىقى، ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى مىرزاتجان ئەخمەتنىڭ ‹‹خۇنەن، تۇرپان ئۆسمۈرلىرى قول تۇتۇشۇش لاگېر پائالىيىتى››گە قاتنىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ باردىم. مىرزاتجاننىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئەنۋەر قادىر مۇئەللىم مېنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

 

      – مىرزاتجان بەك تىرىشچان، – دېدى ئەنۋەر مۇئەللىم، – ئۇ مەكتەپكە كىرىپلا چىقىشقاقلىقى، جانلىقلىقى بىلەن ناھايىتى تېز كۆزگە كۆرۈنۈپ سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۇ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇندايدۇ، ساۋاقداشلىرىنى تەكرارغا ئۇيۇشتۇرىدۇ، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللەيدۇ. ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. دەرسلەرنى ئالدىن ئۆگىنىش، تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەشتە ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولىدۇ. ئۇ يەنە ئەنقەرشاھ، ئەنەيتۇللا، ئېلشاتجان قاتارلىق ئۆگىنىشتە يېتىشەلمەيۋاتقان ساۋاقداشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مىرزاتجان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتكەچكە ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ساۋاقداشلار ئۆزئارا زىدىيەتلىشىپ قالغاندا ئۇ تەربىيە بېرىش ئارقىلىق زىدىيەتلەرنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىپ بىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرى تۈرلۈك تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. مىرزاتجان رەسساملىققىمۇ ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ سىنىپىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل››دا چىقىرىلىدىغان ‹‹قارا تاختا›› گېزىتىنى ئىشلەش ۋەزىپىسىنى ئىزچىل ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە سىنپىمىز ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى››، ‹‹مەدەنىي سىنىپ››، ‹‹ئەخلاق ئۈلگىسى كوللېكتىپى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      – تىرىشچانلىقىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىكەن، ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟ – دەپ سورىدىم كۆزلىرىدىن زېرەكلىك چىقىپ تۇرىدىغان مىرزاتجاندىن.

      – ئۆزۈمگە ئەستايىدىللىقنى ئۆلچەم قىلىمەن. مەيلى دەرس تەكرارلىغاندا، تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ياكى ساۋاقداشلىرىمغا ياردەم قىلغاندا بولسۇن يېرىم يولدا تاشلاپ قويمايمەن. ھەرقانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ بەل قويۇۋەتمەي نىشانىمغا يېتىشكە تىرىشىمەن.

      ئىگىلىشىمچە، مىرزاتجان ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى››، ‹‹لېى فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى›› بولۇپ مەكتەپ بويىچە توققۇز قېتىم تەقدىرلىنىپتۇ. مەكتەپنىڭ ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش، زېھىن سىناش، يېنىك ئاتلېتىكا، رەسىم سىزىش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەپتۇ. 2010 – يىلى ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ ‹‹بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن رەسىمى ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشپتۇ. 2009 –، 2011 – يىللىرى ناھىيە بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹ئون مۇنەۋۋەر پىيونېرنىڭ بىرى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر