باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

سامساقنى خام يېگەندە ...

      سامساقنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، يەنە باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان زۇكام، ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي ــ ئاشقازان ياللۇغى ھەمدە بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. يەنە مېتابولىزمنى كۈچەيتىپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
      ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سامساقنىڭ يەنە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ـ سامساق ۋىتامىن B نىڭ رولىنى كۈچەيتەلەيدىكەن، ۋىتامىن B گلۇكوزىنىڭ مېڭە ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىش جەريانىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم قوشۇمچە ماددا. ئۇنىڭدىن باشقا، سامساق يەنە رادىيوئاكتىپ ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان خەتىرىنى توسۇپ، ناچار تەسىرلەرنى يېنىكلىتىدۇ.
      سامساقنىڭ بەدەنگە شۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، ئەمما خام سامساقنى زىيادە كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇڭلاشقا سامساقنى خام يېگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      ئاچ قورساققا يېمەسلىك ياكى سامساق يەپ بولۇپلا قىززىق شورپا، چاي ئىچمەسلىك؛
      كۈن ئاتلاپ ئاز ئىستېمال قىلىش، يۈرەك كېسىلى بارلار ياكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت كېسىلى بارلار ئازراق يېيىشى، ھەسەل بىلەن بىللە يېمەسلىكى كېرەك.

 

مەنبە: ئانا دىيار تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر