باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

بالىلار ‹‹چالما تىقىش›› ئويۇنى

      بالىلار ‹‹چالما تىقىش›› ئويۇنىنى كۈز ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرۇپ ئوينايدۇ. خالىغان بىر بالا چالما تىققۇچى، يەنە بىرى چالمىنى تاپقۇچى بولىدۇ، قالغانلار رەتلىك سەپ تۈزۈپ ئولتۇرىدۇ. بالىلار ئۇزۇنىسىغا قاتار بولۇپ ئولتۇرغاچقا قاتناشقۇچىلار 15 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شەرت.

     بالىلار ئويۇنغا تەييار بولغاندىن كېيىن، چالما تىققۇچى بالا ئۈچكىچىلىك بىر تال چالمىنى چاڭگىلىغا يوشۇرۇپ، چالما بار قولىنى ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قوينىغا بىر ـ بىرلەپ سېلىپ ـ ئېلىپ، چالمىنى خالىغان بىر بالىنىڭ قوينىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ. چالما تاپقۇچى بالا ئولتۇرغان بالىلارنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىش، كۆز ھەرىكىتى ۋە باشقا تەرەپلىرىدىكى ئالامەتلىرىگە قاراپ، پەرەز ياكى گۇمان بويىچە مەلۇم بىر بالىدىن چالمىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر چالمىنى بېرىشنى تاپالىغان بولسا، قوينىدىن چالما چىققان بالا بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ؛ بولمىسا ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشنى، سىر ساقلاشنى ئۆگنىۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ؛ پەرەز قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي