باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئانامغا يېزىلغان خەت

     پەرىزات ئوسمان    

      ئانا، كىشلەر ‹‹ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ›› دېيىشىدىكەن. لېكىن، مەن بۇ تەرىپلەشلەر ئالدىدا ئىككىلىنىمەن. ئېيتقىنا ئانا، باشقا ئانىلارنىڭ قۇلى بالىلىرىنى پەپىلەشكە يارالسا سېنىڭ قۇلۇڭ بىزنىڭ سەرسانلىقتا ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمىزنى توسۇۋېلىش ئۈچۈن يارالغانمىدۇ ياكى پۇل دەپ ئۆتكەن ھاياتىڭدا پۇل ساناشقا يارالغانمىدۇ؟

      ئېسىمنى بىلسەم دادام بىلەن ياشايدىكەنمەن. مېھرىبان دادام ھەم ئانا، ھەم دادا بولۇپ بىزنى بېقىش ئۈچۈن تىنماي ئىشلەيدۇ. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىشتىن قايتقاندىكى ھارغىن ھالىتىنى كۆرسەم يۈرىكىم پىچاق تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىدۇ. قوشنىلارنىڭ دېيىشىچە ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا سەن بىزنى تاشلاپ كېتىپسەن. ھەر قېتىم دوستلىرىمنىڭ ئانىلىرىغا ئەركىلەشلىرىنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. ئۇلارغا ھەرۋاقىت ئىسسىق تاماق، پاكىز كىيىم تەييار تۇرىدۇ، لېكىن مەنچۇ؟

      ئانا، مەن چوڭ بولۇپ ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدۇم، ئەمما ئانا مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىم. ئانا، مەن يەنىلا سېنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر