باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئىسسىق جەسەت

      قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كەچلىكى، ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي ساقچى روزۋېلىت ئائىلىسىدە ئارخىلوگ دوكتۇر كېئېندىن تېلېفون ئاپتۇ. تېلېفوندا مۇنداق دېيىلگەن:

      – روزۋېلىت ئەپەندىم، ئىش چاتاق بولدى، قەدىمىي مايا مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىق يادىكارلىقى ئالتۇن نىقاپ ئوغۇرلاندى. كاتىپ سىزنى ئەكىلىشكە كەتتى، تېزدىن تەتقىقات ئورنىغا كېلىڭ.

      ئىككى سائەتتىن كېيىن ياش كاتىپ ماشىنا بىلەن يېتىپ كەپتۇ. ماشىنىدا كېتىۋېتىپ كاتىپ روزۋېلىتكە مۇنداق دەپتۇ:

      – ئوغۇرلانغان ئالتۇن نىقاپ مېكسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلىدىكى مايا ئەلئېھرامىدىن قېزىۋېلىنغانىدى، كېيىن بۇنىڭغا مىليادىر ئىگىدارچىلىق قىلغان. دوكتۇر كېئېن بۇنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئارىيەت ئېپكەلگەنىكەن.

      دوكتۇر كېئېننىڭ تەتقىقات ئورنىغا كەلگەندە كەچ سائەت 11 بولۇپ قاپتىكان، يولغا ساق يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىپتۇ.

      – دوكتۇر ئىككىنچى قەۋەتتىكى تەتقىقات ئۆيىدە، سىز بىردەم ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ، مەن ئۇنى چاقىراي، – كاتىپ شۇ گەپنى دەپ قويۇپلا ئىككىنچى قەۋەتكە قاراپ مېڭىپتۇ. نېمە ئۈچۈندۇ، روزۋېلىت ئولتۇراي دەپ تۇرۇشىغا ئىككىنچى قەۋەتتىن قورقۇپ ۋارقىرىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ:

      – ۋاي توۋا، ئىش چاتاق بولدى، دوكتۇر ئۆلۈۋاپتۇ.

     روزۋېلىر يۈگۈرگەن پېتى ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ قارىسا، تورۇستىكى تۆمۈر تۇرۇبىغا بىر تال تانا باغلانغان، دوكتور كېئېننىڭ بوينى تانىغا كىرگۈزۈلگەن، دەسسەش ئۈچۈن قويۇلغان ئورۇندۇق تېپېپ ئۆرۈۋېتىلگەن..

      – ئېھتىمال، – دەپتۇ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كاتىپ، – ئالتۇن نىقاپ ئوغۇرلانغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆلۈۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

     – جەسەت تېخى ئىسسىق تۇرۇپتۇ، – روزۋېلىت بۇنىڭدىن ھەيران بوپتۇ. ئۆي بەك سوغۇق ئىكەن، ئەمما ئۆلگۈچىنىڭ ھارارىتى ھايات ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا تۇرۇپتۇ.

      – بەلكى، – دەپتۇ – كاتىپ، – بىز كېلىشنىڭ ئالدىدا ئۆلۈۋالغان ئوخشايدۇ.

      – بۇ تېپمېراتۇرا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بۇ ئادەمنىڭ ئۆلگىنىگە بىر سائەت بولمىغان. ئۇ بىرەر ۋەسىيەت قالدۇردىمۇ، يوق؟ – روزۋېلىت سۆزلەۋېتىپ دوكتور كىيگەن ئاق خالاتنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپتۇ – دە، كۈمۈش قەغەزگە ئورالغان ئېرىپ كەتكەن يېرىم شاكىلاتنى تېپىپتۇ.

      روزۋېلىت يېرىم شاكىلاتنى قولىغا ئېلىپ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بىردىنلا كاتىپىنى تىللاپ كېتىپتۇ:

      – ھوي ئەبلەخ، ئەسلى قاتىل سەن! سەن ماشىنا بىلەن مېنى ئەكەلگىلى بېرىشتىن بۇرۇن، دوكتورنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنى ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان قىياپەتكە كەلتۈرۈپ قويدۇڭ، بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئالتۇن نىقاپنى ئوغۇرلىغانمۇ سەن.

      – بۇ مۇمكىن ئەمەس، – دەپتۇ كاتىپ ئۆزىنى ئاقلاپ، ماشىنا بىلەن سىزنى ئېپكېلىشىم ئۈچۈن بېرىپ – كېلىشكە ئۈچ سائەت ۋاقىت كەتتى. ئەگەر دوكتورنى مەن ئۆلتۈرگەن بولسام، جەسەت ئاللىقاچان سوۋۇپ كەتكەن بولاتتى. بۇ ئۆيدە پار بولمىسا، جەسەت نېمىشقا ھازىرغىچە ئىسسىق تۇرىدۇ؟

      – مەسىلە مۇشۇ يەردە، – دەپتۇ روزۋېلىت تامدىكى توك شىتېپسىلنى كۆرسىتىپ، – نەق مەيداندا يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سەن دانىشمەنلىك بىلەن ناھايىتى ئەپچىل بىر ئۇسۇل قوللانغان.

      ئەسلىدە كاتىپ دوكتورنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، ئۇنى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان قىياپەتكە كەلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن جەسەتنى توك بىلەن ئىسسىتىش ئەدىلىيىغا ئوراپ قويغان. ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن روزۋېلىتنى ئەكەلگىلى بارغان، باياتىن كاتىپ ئالدى بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىققاندا، جەسەتنى ئوراپ قويغان توك ئىسسىتىش ئەدىلىيىنى ئېلىۋەتكەن، شۇڭا، جەسەت ئۈچ سائەتتىن كېيىنمۇ ئىسسىق تۇرغان، بىراق، كاتىپ ئۆلگۈچىنىڭ يانچۇقىدىكى شاكىلاتقا دىققەت قىلمىغان. شاكىلاتنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكى جەسەتنىڭ ئىسسىق بىر نەرسە بىلەن ئوراپ قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدە توك بىلەن ئىسىنىدىغان ئەدىيال بار ئىكەن، روزۋېلىت مۇشۇلارغا ئاساسەن كاتىپنىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلىغان.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر