باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

كەلگۈسىدىكى مەكتەپ

      ھەربىر قەۋەتتە ھاجەتخانا بار، ھەربىر ئۆينى ئىككى ماشىنا ئادەم تازىلايدۈ. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىردىن كومپيۇتېرى ۋە ئوقۇتقۇچى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشەلەيدىغان سۆزلىشىش ئاپپاراتى بار. ئوقۇتقۇچى سوئال چىقارغاندا ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرەلمىسە كومپيۇتېردىن ناھايىتى تېزلا تەكشۈرۈپ چىققلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىغا دوكلات قىلىدۇ، جاۋاب بېرەلمەسلىك سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىللىق بىلەن قايتىدىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل بولمىغانلىقىنى كۆرگەندە سۆزلىشىش ئاپپاراتى بىلەن ئۇلارنى ئەسكەرتىدۇ. ھەربىر ئوقۇتقۇچىدا بىردىن يالغانچىلىقنى ئۆلچىگۈچى ئەسۋاب بار. ناۋادا ئوقۇغۇچى يالغانچىلىق قىلسا يالغانچىلىقنى ئۆلچىگۈچى ئەسۋاب ناھايىتى تېزلا ئوقۇتقۇچىغا ئىنكاس قىلىدۇ. سىنىپتا بىر كاناي بولۇپ، ئۇ كۆز ساغلاملىق گىمناستىكىسىنى قويۇپ بېرىدۇ، ئۇ يەنە كۆپچىلىككە ‹‹كىم مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈردى، قايسى ئوقۇغۇچى قانداق نەرسىسىنى يىتتىرىپ قويدى؟›› دېگەندەك ئىشلارنى دەپ بېرىدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىدا بىردىن ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، ئەگەر مۇزلىسا ئىسسىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسا تېزلا ئىسسىيدۇ، ئىسسىپ كەتسە سوۋۇتۇش كۇنۇپكىسىنى باسسا سەگىشكە باشلايدۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن كىتاب كۆرمەكچى بولسىڭىز كىتابنىڭ ئىسمىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزسىڭىزلا كۆرمەكچى بولغان كىتاب تېزلا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.

      مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشتە ئۆيى يىراق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ماشىنىسى ئاپىرىپ قويىدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ تارقىتىپ بەرگەن كېڭىيىپ – تارىيىدىغان سومكىسى بار. كىتاب بەك كۆپ بولۇپ سومكىغا پاتمىسا كېڭىيىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز سومكا كېڭىيىدۇ، سىز سومكىغا كىتابلارنى سېلىپ بولغان بولسىڭىز تارىيىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز سومكا تارىيىدۇ، يەنە يېنىكلىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ سومكىنى يېنىكلىتەلەيسىز. مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا سومكا ئېچىلىدۇ. مەكتەپ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بېرىدۇ.

      مەكتەپ ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھەربىر سىنىپتا بىردىن رەقەملىك رەڭلىك تېلېۋىزور بار، ئوقۇغۇچىلارغا خەۋەر ياكى قىزىقارلىق پىروگراممىلار قويۇپ بېرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ يەنە مول مەزمۇنلۇق تور بېكىتى بار، ئۇ يەردە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹كىچىك يۇلتۇز›› سەھىپىسى بار.

      جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىلىم – پەن، مائارىپمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر