باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى پراۋىسى ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

      جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى قاتناشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ تەننەرقىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن، ئىشنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى پراۋۇسى ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلىدى.

      مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا: جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يې چياۋبو قاتارلىق 12 ئەزاسىنىڭ قاتناش ھادىسىلىرى ۋە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئازايتىش ھەققىدىكى تەكلىپىگە يۇقىرىقى جاۋابنى بەرگەن.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە يول قاتنىشى ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى تەدرىجىي ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ئىكەن. جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا: 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان يول قاتنىشى ھادىسىدىن 971ى، بەش كىشىدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان يول قاتنىشى ھادىسىدىن234ى، 10 كىشىدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان پەۋقۇلئاددە ئېغىر يول قاتنىشى ھادىسىدىن 19ى يۈز بەرگەن.

      مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يى چياۋبو قاتارلىق 12 ئەزاسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئاپتوموبىل ماددىي مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن ئاپتوموبىل مەنىۋى مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشىدا مەنزىل خېلىلا يىراق، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقماقتا. ئالايلۇق: ماشىنىنى خەتەرلىك ھەيدەش، قانۇنسىز نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىش ۋە يۈك بېسىشتەك ئەھۋاللار ئېغىر. مەدەنىيەتسىز ماشىنا ھەيدەش قىلمىشلىرىمۇ قاتناش بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا زور دەرىجىدە توسالغۇ بولماقتا. بۇنىڭغا قارىتا ئەزالار: تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەتسىز ماشىنا ھەيدەش قىلمىشلىرى تۈگىتىلسە. ئېلېكتىرونلۇق كۆز نازارەتچىلىك سالمىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش دائىرىسى زورايتىلىپ، جازالاش دەرىجىسىنى باھالاش يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈلسە، دەپ تەكلىپ بەردى.

      ئۇنىڭدىن باشقا، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ئادەملەرنى يارىلاندۇرۇش، جىنىغا زامىن بولۇش، جامائەت مۈلكىنى بۇزۇۋېتىشقا قارىتا ئېغىر جەرىمانە قويۇش بىلەن نومۇر تارتىش تەدبىرى تەڭ قوللىنىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى نومۇر تارتىش تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۈزۈمىنى قايتىدىن ئويلىشىپ، تۈزۈم جەھەتتە پىيادىلەر بىلەن ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇم خەلقنىڭ بىخەتەر ۋە مەدەنىي ماشىنا ھەيدەش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

      بۇنىڭدىن باشقا، ئەزالار يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ماشىنا ھەيدەش بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، زور ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان، ساختا ماتېرىيال بىلەن ماشىنا باشقۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرگەن، شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ ماشىنا ھەيدىگەن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنى قاتناش ساقچى تارماقلىرى ‹‹نۇقتىلىق شەخس›› ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ خاتىرىلەرنى مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى، بانكا قاتارلىق تارماقلارغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

      جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى ئەزالارنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان خەتەرلىك ماشىنا ھەيدەش، قانۇنغا خىلاپ ئادەم سېلىش، يۈك بېسىش ئېغىر مەسىلىلىرىگە قارىتا، ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەش، سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، ھېرىپ چارچاپ ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق قىلمىشلارنى تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ. ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەتسىز ماشىنا ھەيدەشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرقى ئۆستۈرۈلسە، دېگەن تەكلىپكە قارىتا، جايلاردىن قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشنى ‹‹ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى پىراۋىسى ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش››قا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن باشلاپ، ئېغىر قاتناش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر