باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى يېپىلدى

 

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ، 15 - يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 549، قاتناشقان ۋەكىل 494 بولۇپ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي رەقىم، دۇ چىنرۈي، لى جى، مەمتىمىن ياسىن، چۆجىپ، ما مىڭچىڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

      جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابۇلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، فۇ جياڭ، ليۇ شىڭچى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 

 

      يىغىندا جاڭ گولياڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسى؛ ئالپىسباي رەقىمنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋە مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسى؛ نەيىم ياسىننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسى؛ نىشان ئىبراھىمنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسى؛ ئابلاجان ئىمىننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسى؛ روزى ئىسمائىلنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسى؛ قاسىم مامۇتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

      يىغىندا بىلەت نازارەتچىلىرى، باش بىلەت نازارەتچىسى ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

 

 

      يىغىندا ۋاڭ خۇيمىن، مەۋكەن سېيتقامزا، مۇتەللىپ قاسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى. بەش يولداش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى. نەيىم ياسىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، نىشان ئىبراھىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولۇپ سايلاندى.

      يولداش مامىڭچىڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىقىغا، ۋاڭ خۇيمىننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەش ئاۋازغا قويۇلۇپ قارار قىلىندى.

      يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2011 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2011 - يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012 - يىللىق مالىيە خامچوتى توغرىسىدىكى قارار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

    يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر