13 - يانۋار CBA بىرلەشمىسىنىڭ 24 - ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 134 - 112 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن ئالتۇن شىر كوماندىسىنى يەڭدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى شىرئەلىجانمۇ ئۆزىنىڭ 21 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەيداندىكى 4000 توپ مەستانىسى شىرئەلىجان ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ، شىنجاڭ ساھىبخان مەيدانىدا تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈش شەكىللەندى.
‹‹سۆيۈملۈك توپ مەستانىلىرى مۇسابىقىدىن كېيىن مەيداندىن ئايرىلماڭلار، بىزنىڭ ئىنتايىن تەسىرلىك بولغان پائالىيىتىمىز بار›› مۇسابىقە ئارىلىقىدە مۇسابىقە رىياسەتچىسى شۇنداق دېدى. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن نەق مەيداندا تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئاڭلىتىلىپ، توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزى بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىققان مۇداپىئەچىگە توغۇلغان كۈنىدىكى ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.