باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

قىزىل يىلدىكى خاتىرىلەر

      2011 – يىلى بىر خىل رەڭ بار، ئۇ بولسىمۇ قىزىل رەڭ؛ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ بىر خىل ئەسلىمە مەڭگۇ قەلبىمىزدە ساقلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ پارتىيە، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتۈر.

      ‹‹قىزىل بايراق ئاستىدا بەختلىك ياشايلى. يۇلتۇز تېخىمۇ پارلىسۇن، مەشئەل تېخىمۇ نۇر چاچسۇن. پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلاپ، تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر بولۇپ كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى. قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، بىز پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد››. يۈز مىليونلىغان پىيونېر ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. يېقىملىق مېلودىيە يۈرەكلەرنى ئىللىتتى، بالىلار پارتىيەگە بولغان ياخشى تىلىكىنى ناخشا بىلەن ئىپادىلەپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

      قىزىل يىلدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش قىزغىن كەيپىياتى ھەربىر پىيونېرغا تەسىر كۆرسەتتى. 2011 – يىل ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى چوڭقۇرلاشقان، ئەڭ ئەۋجىگە چىققان، قىزىللىق ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە جايىنى قاپلىغان، قىزىل گۈل ھەممە جايدا ئېچىلغان بىر يىل.

      پىيونېرلار ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەرنى ئېسىدە ساقلىدى

      تەربىيەچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پىيونېرلار قىزىل ناخشا ئېيتتى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى، ھېكايە سۆزلىدى، ئىنقىلابىي جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ‹‹1 – ئىيۇن›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئۇسسۇل، ئېتوت، دېكلاماتسىيە قىلىش، دىرامما قاتارلىق شەكلى ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيە تەلپۈنىدۇ›› ئالتە بىر پائالىيىتىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلەك بايرام ئۆتكۈزدى.

      پارتىيە قۇرۇلغان كۈندە ئۇلار ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ‹‹شەرەپ بايرىقى ئاستىدا پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزاسى، پىيونېرلار ئۆسۈپ يېتىلىشنى سۆزلەش›› تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز جايىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزاسى، شۇنداقلا ئىنقىلابىي ئەجداتلارنىڭ يۇرتىدىن كەلگەن ياش – ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەت بايرىقىنى بىرلىكتە يەتكۈزدى.

      تەتىلدە ئۇلار تەتىللىك كىچىك ئەترەت تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە تايىنىپ ‹‹ئۈچ چوڭ ئىش››نى قىلغانلىقى ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى چۆرىدەپ پارتىيە تارىخى خاتىرە سارايلىرى ۋە ئۈلگىلىك رولىنى نامايان قىلىدىغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتىنىمىزدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

      ئەترەت قۇرۇلغانلىقىغا 62 يىل بولغان خاتىرە كۈنىدە ئۇلار مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ — بەختلىك تۇرمۇشتىن بىللە ھوزۇرلىنايلى›› تېمىلىق ئەترەت كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەت نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، مودا ئىجادىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، كۆڭلىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزالىرى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا ئىرادە باغلىدى.

      ئۇلار يەنە يېڭى تاراتقۇلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› مەخسۇس تورىدا يېڭى ئىجاد قىلغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ، كارتون تەشۋىقات پىلاستىنكىلىرىنى كۆرۈپ، ئويۇنلارنى ئويناپ، تور ئارقىلىق يەتكۈزۈش، توردا سۆز قالدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى.

      ھەربىر ناخشا، ھەربىر ئابزاس خەت، ھەربىر پارچە رەسىم، ھەربىر قەسەم، ھەربىر پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ، قىزىل ئەسلىمىگە ئايلىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى.

      ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت. 2012 – يىلى ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇڭا قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبىنى مەڭگۈ پارتىيەگە تەلپۈنىدىغان قىلىپ يېتەكلەش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر