چېچى ئىنچىكە ۋە يۇمشاق ئادەملەر: كۆپىنچىسىنىڭ خىسلىتى مۇلايىم، چىقىشقاق، مىجەزى ياخشى بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ.
چېچى توم ھەم قاتتىق ئادەملەر: بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مىجەزى چۇس، ئاسان چېچىلىدۇ. داۋاملىق ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ھاياتقا كۈچلۈك ئۈمىد بىلەن قارايدۇ.
چېچى پارقىراق ئادەملەر: ئادەتتە ھېسسىياتقا بەك باي كېلىدۇ، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىقا ماھىر ھەم ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ.
چېچى قويۇق ئادەملەر: كۆپىنچىسى تېتىك، ھەرىكەتچان بولۇپ، دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كېتەلەيدۇ، مۇناسىۋەتكە ماھىر، شۇنداقلا تېنى ساغلام كېلىدۇ.