باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالنى قاتتىق تەۋرەتمەسلىك لازىم

      بەزى كىشىلەر بالىنى بار كۈچى بىلەن تەۋرىتىدۇ ھەمدە بالىنى ئاسمانغا ئېتىپ يەنە تۇتۇۋالىدۇ. بۇنداق قىلىپ بالىنى ئوينىتىش ئەمەلىيەتتە بالىغا ئىنتايىن زىيانلىق. بالىلارنىڭ، بۇلۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بېشى چوڭ ۋە ئېغىر بولۇپلا قالماستىن يەنە مۇسكۇللىرىمۇ ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان باسقۇچى بولغاچقا بالىنى قاتتىق تەۋرەتكەندە بالىنىڭ گەدەن ئومۇرتقىلىرى ۋە مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆسۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنىپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلىدۇ، يەنە تۇتقاقلىق، ساراڭلىق، يۇلۇن بېسىمى ئارتىپ بويۇن قىڭغىر بولۇپ قېلىش كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

 

مەنبە: ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر