باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

مەكتەپ مۇدىرى ۋە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى

 

مەمەت ساۋۇت (پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

 

      سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى، ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىدىكى يېتەكچى. مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدىكى تايانچ كۈچ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ياردەمچى ھېسابلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلانسا ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرنى جانلىق ئىشلىيەلەيدۇ.

      1. سىنىپ مەسئۇللىرىنى تاللاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت پىلانىنى تۈزگەندە سىنىپ مەسئۇللىرىنى تاللاش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. چۈنكى، مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ كۆپ قىسمى سىنىپ مەسئۇللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتچان، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مەسئۇلى بولۇشقا ماس كېلىدۇ. سىنىپ مەسئۇلى تاللاشتا خالىغان ئوقۇتقۇچىنى قويۇشقا، بولۇپمۇ يۈرۈش – تۇرۇش، سۆز – ھەرىكىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولالمايدىغان، مەسئۇلىيەت ئېڭى سۇس ئوقۇتقۇچىلارنى بەلگىلەشكە بولمايدۇ. ھەممىگە ئايانكى، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتچان سىنىپ مەسئۇلىنىڭ سىنىپى ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنىدۇ.

      2. سىنىپ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەن – مەدەنىيەت، ئۇچۇر –تېخنىكا بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قارىشى تىكلىشىگە، ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىكنى، چىنلىق بىلەن ساختىلىقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ سىياسىي، ئۇچۇر – تېخنىكا، قوش تىل ئۆگىنىش، باشقۇرۇش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

      3. سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ سىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش. مەكتەپ خىزمىتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشى مەكتەپ مۇدىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، بىر سىنىپنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىمۇ سىنىپ مەسئۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ مەسئۇللىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىشى، قەرەللىك يىغىن ئېچىپ ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىشى، سىنىپلارنى نومۇر قويۇپ باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

      سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى جاپالىق، ئۇششاق ئىشلىرى كۆپ، نەتىجىسى ئاسان كۆرۈنمەيدىغان خىزمەت. مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا توغرا باھا بېرىشى، سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارغا باھالاش، مۇكاپاتلاش خىزمەتلىرىدە ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر