باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹ئوسما قويدۇم›› ئويۇنى

      ئۇيغۇر قىزلىرى ئوسمىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى، ياش قۇرامى، چىراي شەكلى، رەڭگى، ھەتتا مىجەز ــ خاراكتېرىگە ماس ھالدا قاشلىرىنى قويۇق، قارا، توم - ئىنچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كەلگەن. بۇ ئارقىلىق بارا ـ بارا ‹‹قەلەم قاش››، ‹‹قىياق قاش››، ‹‹قامچا قاش›› لارنى شەكىللەندۈرگەن. باشقىسىنى دېمىگەندىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ‹‹قاشىڭ قامچىدەك يارىم، ساچىڭ سالمىدەك يارىم، ئىككىلىڭ قىزىلگۈلدەك، قايسىڭدىن كېچەي يارىم››دېگەن قوشاقنىڭ ئۆزىلا بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.

      دېمەك، ‹‹ئوسما قويدۇم›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ــ ئاياللىرىغا ئەسىرلەردىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ، گۈزەللىك، مەنىۋى ئوزۇق، چىرايلىق ھۆسن بەخش ئېتىپ كېلىۋاتقان ئوسما قويۇش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان.

      ‹‹ئوسما قويدۇم›› ئويۇنى كۆپىنچە ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئېرىق ــ ئۆستەڭ بويلىرى، ھويلا ۋە باغلاردا قىزلار ئوينايدۇ.

      قىزلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئالدىدا يۈز ـ كۆزلىرىنى پاكىز يۇيىدۇ، ئىمكانىيەتكە قاراپ ئوسما، پىلتىگۈچ ۋە بىر پىيالە تەييارلايدۇ، ئاندىن ئۆزلىرى ئارىسىدىن بىر قىزنى ‹‹ئانا›› سايلايدۇ. ئوسما تەييار بولغاندىن كېيىن، باشقا قىزلار ‹‹ئانا›› ئەتراپىنى چۆرىدەپ، ئوسما قويۇش نۆۋىتىنى كۈتىدۇ، ‹‹ئانا›› پىلتىگۈچنى قولىغا ئېلىپ، بۇ ئويۇنغا قاتناشقان قىزلارغا بىر باشتىن ئوسما قويۇپ چىقىدۇ ياكى شۇ خىل ھەرىكەتنى دورايدۇ. قېشىغا ئوسما قويۇلۇپ بولغانلار: ‹‹ئوسمام يارىشىپتىمۇ؟››، ‹‹ئوسمام ئىچىپتىمۇ؟›› دەپ سورىشىدۇ ياكى ‹‹ئوسماڭ ئىچسۇن››، ‹‹ئوسماڭ ياراشسۇن››، ‹‹قېشىڭ ئاۋۇپ كەتسۇن›› دېيىشىپ ئۆزئارا قۇتلۇقلىشىدۇ.

      بۇ ئويۇننى بوش ۋاقىت بولسىلا ئوينىسا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق ئويۇندا باشقا ــ باشقا قىز ‹‹ئانا›› بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

      بۇ ئويۇن قىزلارنى ئۆز ــ ئۆزىنى بىلىشكە، ئۆز دىيارىنىڭ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشقا، پاكىز، چىرايلىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق ۋە پايدىسىز نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە، تەبىئىي گۈزەللىكنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي