باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

كىچىك رەسسام شاتيار

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 – باشلانغۇچ مەكتەپ 2 – يىللىق 4 – سىنىپنىڭ باشلىقى شاتيار ئابدۇكېرىم كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئىشتىياق باغلىغانىدى. بالىلار باغچىسىدىكى ۋاقتىدا توختىماي ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزاتتى. ئاتا – ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇ قىزىقىشىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنى بالىلار باغچىسىنىڭ رەسىم كۇرۇژۇكىغا قاتناشتۇردى، ھەر خىل رەسىملىك كىتاب، بوياقلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى رەسىم سىزىشغا ئىلھاملاندۇردى. ئىككى يىل جەريانىدا شاتيار ھايۋان، مەنزىرىلەرنى سىزىشنىڭ دەسلەپكى ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى.

سۈرەتتە: شاتيار (ئوتتۇرىدا) رەسىملىرىنى ساۋاقداشلىرىغا كۆرسەتمەكتە.

      شاتيار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن دەرسلەرنى تىرىشپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە سەنئەت مەكتىپىنىڭ رەسىم كۇرسىغا قاتناشتى. ئۇ بۇ كۇرستا سىدام سىزما، سۇ بوياق رەسىملىرىنى سىزىش، رەسىملەرگە رەڭ بېرىشنى ئۆگىنىپ رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئۇ ھازىرغىچە 40 پارچىغا يېقىن رەسىم سىزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەتتە پارچىسى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم، ھۆسنخەت مۇسابىقىلىرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالتۇن، مىس مېدالغا، بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى. 2011 – يىلى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئولىمپىك يۇلتۇزى›› جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە ‹‹ئېيىقچاقنىڭ ئۆيى›› ناملىق رەسىمى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ جۇڭگو رەسساملىق تورى ئۆسمۈر – بالىلار رەسىم، ھۆسنخەت توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.

      سىنىپ مەسئۇلى ئايشەمگۈل مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە، شاتيار دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىدىغان، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل، مۇستەقىل ئىشلەيدىغان، ساۋاقداشلىرىغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۇنىڭ خېتى چىرايلىق بولغاچقا سىنىپنىڭ ‹‹قارا تاختا›› گېزىتىنى ئىشلەيدىكەن. پائالىيەتلەردە قىزىقچىلىق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇڭا، ئۇنى ساۋاقداشلىرى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى›› بولۇپ باھالىنىپ كەپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر