باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

پىيونېرلارغا مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىتىش

يۈ يوڭيى

      پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق ئاساسلىق تەربىيە پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش ئەترەت تەشكىلىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت. مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيەچىلەر ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان تەسىرلىك ئىش ۋە رېئال ئۆزگىرىشلەرنى ئاساس قىلىپ، ئېكىسكۇرسىيە، تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پىيونېرلارنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگىرىشلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا يېتەكلىگەندە پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

      پىيونېرلار ئارىسىدا پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا تەربىيەچىلەر ئۆز جايىنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئوقۇغۇچىغا قاراپ تەلىم بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋېنچۇەن، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش، دەنچۈدىكى لاي – لاتقا ئاپىتى قاتارلىق ئالاھىدە چوڭ تەبىئىي ئاپەتلەردە ئۇلۇغ مۆجىزىلەر يارىتىلدى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئەمەلىيىتىمۇ پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يادرو ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ تەربىيە بايلىقلىرى پىيونېرلار ئەترىتى پارتىيەنى سۆيۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئەڭ جانلىق، ئەڭ كونكرېت، ئەڭ ئەمەلىي بايلىق مەنبەسىدۇر. بۇ بايلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيەنى سۆيۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا پىيونېرلار ئاسان چۈشىنەلەيدۇ، ئېسىدە ساقلىيالايدۇ ھەم تەسىرلىنىدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ئۆزگىرىشلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ پىيونېرلارغا ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىنىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە يارىتىلغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يادرو ئىكەنلىكىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. قايتا قۇرۇش ئەمەلىيىتى ۋە زور ئۆزگىرىشلەر ئۆسمۈر – بالىلاردا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى يېتىلدۈرىدۇ.

      پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا پىيونېرلارنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئەمەلىيەت ۋە مۆجىزىلەر پائالىيەتنىڭ ئەڭ قايىل قىلارلىق بايلىق مەنبەسى ۋە مەزمۇنى. بىرىنچىدىن، ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش پەيدا قىلغان ھازىرقى جۇڭگونىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ قىممەتلىك روھىي بايلىقى – يادروسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاساسىي مەنىسى دۆلەت خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلق، دۆلەتنى ئائىلە دەپ بېلىش، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئىناق بولۇش. ئىككىنچى، قايتا قۇرۇلغان گۈزەل يېڭى ماكان، يېڭى مەكتەپ، يېڭى مەھەللە قاتارلىق يېڭى ئوبرازلارنى پائالىيەتنىڭ ۋاسىتىسى قىلىش. ئۈچىنچى، قايتا قۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار شەخس ۋە تەسىرلىك ئىشلارنى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ قوغداش رولىنى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغاندا ئۇلار قايتا قۇرۇشتا ئاۋانگارت ئەترەت، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ يۆلەنچۈكى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش ئوبرازى پىيونېرلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىدۇ.

      پائالىيەتتە ئۇسۇل جەھەتتىن تەربىيەچىلەر ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ‹‹كىچىك مۇخبىرلار يېڭى ماكاننى زىيارەت قىلىش›› پائالىيىتى، رەسىم سىزىش، فوتو سۈرەت ۋە كۆرگەرمىنى ئاساس قىلغان ‹‹رەسىم ئارقىلىق يۇرتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى چۈشەندۈرۈش›› پائالىيىتى، ناخشا، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئاساس قىلغان ‹‹قىزىل يۈرەك پارتىيەگە تۈلپۈنىدۇ›› پائالىيىتى، ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان ‹‹مەن ئائىلەمنى ياخشى كۆرىمەن›› مۇكاپاتلىق ماقالە (دېكلاماتسىيە قىلىش) پائالىيىتى، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنشنى ئاساس قىلغان ‹‹قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى›› قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ. ئاپەت رايونىدىكى ئۆسمۈر – بالىلار بىلەن ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە (شەھەر) لەردىكى ئۆسمۈر – بالىلار ‹‹يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر›› تېمىسىدىكى خەت – ئالاقە پائالىيىتى، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەردىكى ئەترەت تەشكىلاتى تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پىيونېرلارنى ياردەم بەرگەن ئورۇنغا بېرىپ ‹‹قىزىل ساياھەت›› پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرغاندا ئاپەت رايونىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نەق مەيداندا كۆرۈپ پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە كۆيۈنىشىنى ھېس قىلايدۇ.

      مەزمۇنى مول يۈرۈشلەشكەن پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيە پائالىيىتىنىڭ پىيونېرلارغا بولغان تەربىيە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر