باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

كىشىنىڭ ھەققى سىڭمەس

 (چەت ئەل چۆچىكى)

 

      بۇرۇن بىر كىشى ئوغلىغا ھۈنەر ئۆگەتمەكچى بولۇپ:

      — بالام، نېمە ئىش قىلىشنى خالايسەن؟ — دەپتۇ. ئوغلى ئۈنچىقماپتۇ، چۈنكى ئۇ نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەيدىكەن.

      — مۇنداق بولسۇن، بىز ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ ساڭا ياققۇدەك قانداق ئىش بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى! — دەپتۇ دادىسى. شۇنىڭ بىلەن دادا – بالا ئىككەيلەن يولغا چىقىپتۇ. ئوغلىغا ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە يېڭىچە تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ بىر ياقتىن كۆرگەچ، بىر ياقتىن قانداق ئىش قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپتۇ. ئۇلار شۇنچە كۆپ جايلارغا بارغان بولسىمۇ ئوغلى ئۆزىگە ياققۇدەك ئىش تاپالماپتۇ.

      بىر كۈنى ئۇلار چارۋىچىلىق فېرمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر كالىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئوغلى:

      — دادا، مەن كالا ئوغرىلاي، ئۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىكەن، بۇنداق ئىشنى قىلماق ئاسان، ھەر كۈنى گۆش يېيەلەيمىز، مەنمۇ ئاشۇ كالىدەك قاۋۇل بولالايمەن، — دەپتۇ.

      — مېنىڭ سېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشىم ساڭا دۇرۇس ئىش ئۆگىتىش، — دەپتۇ دادىسى، — ئوغرىلىق قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.

ئوغلى دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى زادىلا ئاڭلىماپتۇ. دادىسى:

      — سەن ئورمانلىقتا مېنى ساقلاپ تۇرغىن، مەن كەنتكە بېرىپ بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈۋېلىپلا قايتىپ كېلىمەن، — دەپ كەنتكە مېڭىپتۇ. ئوغلى كالىنى ھەيدەپ ئورمانلىققا كەلگۈچە بىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەككە – دۈككە بىلەن مېڭىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن دادىسى قايتىپ كەپتۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار كالىنى سويۇپتۇ. گۆش پىشاي دېگەندە دادىسى ئوغلىغا:

      — بالام، ئاۋۋال ئېغىرلىقىمىزنى ئۆلچەپ باقايلى، گۆشنى يېگەندىن كېيىن قانچىلىك سەمىرىپ كېتىمىز؟ — دەپتۇ. ئۇلار ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن كالا گۆشىنى يەپتۇ. دادىسى گۆشنى ئالدىرىماي چايناپ مەززە قىلىپ يۇتۇپتۇ. ئوغلى كالا ئىگىسىنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەممۇدەم ئىشىككە قاراپ گۆشنىمۇ تۈزۈك يېيەلمەپتۇ. ئىت قاۋىسا ياكى بىرەر كىشى ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسا ئۇ دەرھال گۆشنى ئامبارغا ئەكىرىۋېتىشكە ئالدىراپتۇ، پۇت – قوللىرى توختىماي تىترەپتۇ. ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق غەم – ئەندىشە بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي دادا – بالا ئىككەيلەن گۆشنى يەپ بوپتۇ.

      — ئېغىرلىقىمىزنى يەنە ئۆلچەپ باقايلى، — دەپتۇ دادىسى. نەتىجىدە دادىسىنىڭ سەمىرىپ، ئوغلىنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئوغلى ھەيران بولۇپ:

      — ئىككەيلەن گۆشنى ئوخشاش يېگەن تۇرساق نېمىشقا سەن سەمىرىپ، مەن ئورۇقلاپ كېتىمەن؟ — دەپ سوراپتۇ.

      — مەن ھېلىقى كۈنى كەنتكە بېرىپ ئىگىسىدىن بۇ كالىنى سېتىۋالدىم. شۇڭا، گۆشنى خاتىرجەم يەپ سەمىرىپ كەتتىم. سەن ئوغرىلىغان گۆشنى يېگەچكە ھەمىشە كىشىلەرنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئورۇقلاپ كەتتىڭ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئوغرىلىغان نەرسىگە قورساق تويمايدۇ، كىشىنىڭ ھەققى كىشىگە سىڭمەيدۇ، — دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى دۇرۇس ئىش قىلىدىغان بوپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر