باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

5. قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى

      ئادەمنىڭ ئىسكىلىتى، دەل – دەرەخنىڭ غولى، ئۆينىڭ تېپى بولغىنىغا ئوخشاش، ماقالىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قۇرۇلما شەكلى بولىدۇ. باش تېمىنى ماقالىنىڭ جېنىغا، ماتېرىيالنى ماقالىنىڭ ئوزۇقىغا ئوخشاتساق، قۇرۇلمىنى ماقالىنىڭ سۆڭىكىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا قۇرۇلما دېگەن نېمە؟

      ماتېرىياللارنى رەتلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايى – جايىغا كەلتۈرۈش قۇرۇلما دېيىلىدۇ. قىسقىسى، قۇرۇلما ماتېرىياللارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

     قۇرۇلما تارقاق تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى تەشكىللەپ جايى – جايىغا كەلتۈرۈپ مۇكەممەل بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر قۇرۇلما جەريانى بولمىسا ماتېرىياللار تارقاق، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە قېلىۋېرىدۇكى، ھەرگىزمۇ ماقالىگە ئايلىنالمايدۇ.

    ماقالە قۇرۇلمىسىغا ‹‹قۇرۇلما باش تېما بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشى، باش تېمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك›› دېگەن ئاساسلىق تەلەپ قويۇلىدۇ. شۇڭا ماقالە يازغاندا جۈملىدىن يازماقچى بولغان ماتېرىياللارنى ئورۇنلاشتۇرغاندا باش تېمىنىڭ تەلەپ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك. تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، باش تېمىنى ئىپادىلەشكە ياردەم بولىدىغان ئىش – ھەرىكەت، كۆرۈنۈش ۋە ھېس – تۇيغۇلارنى ماقالە تەركىبىگە كىرگۈزۈش، باش تېمىنى ئىپادىلەشتە ئانچە زۆرۈرىيىتى بولمىغان ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەسلىك، ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملارنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى، يەنە تەپسىلىي يېزىش ۋە ئىخچام يېزىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەپسىلىي يېزىش باش تېمىنىڭ ئېھتىياجى ۋە يېزىقچىلىق مەقسىتىگە ئاساسەن مۇھىم، نۇقتىلىق ماتېرىياللارنى تەپسىلىرەك يېزىشنى كۆرسەتسە، ئىخچام يېزىش بولسا باش تېما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە زىچ بولمىغان، يازمىسىمۇ بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يىغىنچاقلاپراق ئىخچام قىلىپ يېزىشنى كۆرسىتىدۇ.

      (ئۆرنەك)

مېنى تەسىرلەندۈرگەن بىر قېتىملىق پائالىيەت

ئاينۇر بۇلبۇل

      بىزنىڭ ئۆي قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئائىلىكلەر قوروسىدا بولغاچقا، بۇ مەكتەپتە ئۆتكەزۈلگەن ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە تەنتەربىيە خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پۇرسەت بولسىلا بېرىپ كۆرەتتىم.

      1999 – يىلى 3 – ماي مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇراتتىم، دادام سىرتتىن كىرىك:

      – بۈگۈن كەچتە كوللېكتىپ ئۇسسۇل مۇنابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بېرىپ كۆرەمسىز؟ – دېدى.

      – ھەئە، كۆرىمەن، – دېدىم مەن خۇشاللىق بىلەن.

      – ئەمىسە تاپشۇرۇقلارنى تېزرەك ئىشلەڭ – ھە! – دېدى دادام كۈلۈپ قويۇپ، بىز يېتىپ بارغاندا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان ۋاسكىتبول مەيدانى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ھايال ئۆتمەيلا رىياسەتچىلەرنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھەممەيلەننى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

      – ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ساۋاقداشلار! ‹‹4 – ماي›› يازلار بايرىمىنى تەبرىكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا سەپەۋەر قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن فاكولتېتلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن كوللېكتىپ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ھازىر باشلىنىدۇ.

      مەن رىياسەتچىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىۋالدىم.

      ئارقىدىنلا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى يارىشىملىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ شوخ ئۇسۇللارنى باشلىۋەتتى. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۇسۇلغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى بولدى. ھەر قايسى فاكولتېتلارنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىگە 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلرى شۇنداق تەكشى ھەم رەتلىك ئىدى. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللىرى، سامالىرى مېنى تولىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلدى. كۆپچىلىككە ئەگىشىپ توختىماستىنچاۋاك چېلىپ ئولتۇردۇم.

      ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قول تۇتىشىپ ئۆزئارا بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۈلۈپ يايرىماقتا. ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق قاينىمىغا ئايلانغان بۇ پائالىيەت مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى، ھاياجانلاندۇردى. پائالىيەت ئاياغلاشقاندا مەيداندىن قەلبىم ھاياجانغا تولغان ھالدا ئايرىلدىم.

بۇ مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قول تۇتىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ۋە چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

ئۆيگە قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆز – ئۆزۈمگە مۇنداق پىچىرلىدىم. ‹‹مەن چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقۇمدەك ئاسرايمەن››.

      (باھا)

      مانا بۇ قۇرۇلمىسى باش تېمىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تەپسىلىيلىك بىلەن ئىخچاملىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ بىرى، ئاپتور بۇ ماقالىسىنى ‹‹بىزنىڭ ئۆي قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ ئائىلىكلەر قوراسىدا بولغاچقا ...›› دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلاپ، باشلانمىدىلا ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش سەۋەبى ۋە پائالىيەت ئورنىنى ئېنىق يازغان. ئەگەر ماقالىنى بۇ ئابزاس بىلەنئەمەس، بەلكى ئىككىنچى ئابزاستىكى ‹‹1999 – يىلى 3 – ماي ...›› دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلىغاندا، گەرچە ماقالە نەق گەپنىڭ دەل ئۆزىدىلا باشلانغاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە پائالىيەتنى كۆرۈشكە قاتنىشىش سەۋەبى ۋە پائالىيەت ئورنىنى تولۇق كۆرسەتكىلى بولماي ماقالىدە تۇتۇقلۇق ھەم كەمتۈكلۈك شەكىللىنىپ قالاتتى. ماقالىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ كەلگەن يۇقىرىقى ئابزاسنى ماقالىنىڭ ئىككىنچى ئابزاستىكى ‹‹ھەئە كۆرىمەن، – دېدىم خۇشاللىق بىلەن، – ئەمىسە تاپشۇرۇقلارنى تېزرەك ئىشلەڭ – ھە! – دېدى دادام كۈلۈپ قويۇپ›› دېگەن دېئالوگلارنىڭ ئارقىسىغا قويۇشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما باشلانمىسىغا ئورۇنلاشتۇرغاندەك تەبىئىي ۋە چۈشىنىشلىك تەسىر بەرمايدۇ. ئاپتور ئىككىنچى ئابزاستىكى ‹‹– ئەمىسە تاپشۇرقلارنى تېزرەك ئىشلەڭ – ھە! دېدى دادام كۈلۈپ قويۇپ›› دېگەن جۈملىدىنكېيىنلا ‹‹بىز يېتىپ بارغاندا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان ۋاسكىتبول مەيدانى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغانىدى›› دېگەن جۈملە ئارقىلىق ئۈچىنچى ئابزاسقا ئۆتۈپ، پائالىيەت مەيدانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى كۆرگەنلىرىنى يازغان. مۇبادا ئاپتور ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇقىنى قانچىلىك ۋاقىتتا، قانداق ئىشلەپ بولغانلىقىنى كەچلىك تاماق يېيىش ئەھۋالى ۋە مەيدانغا يېتىپ بارغىچە نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى، قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقى، ئائىلىسىدىكى كىملەر بىلەن بارغانلىقى ۋە باشقا تەرەپلەرنىمۇ قوشۇپ يازغان بولسا، بۇ ماتېرىياللار ئىپادىلىمەكچى بولغان باش تېما چۇۋالتاچ بولۇپ قالغان بولاتتى. بۇ كىچىك ئاپتور بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغاچقا پائالىيەت ئورنىغا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئىش – پائالىيەتلەرنى ناھايىتى قىسقا، ئىخچاملا يېزىپ، ئاساسلىق قەلەم كۈچىنى پائالىيەت ئەھۋالى ۋە كېيىنكى تەسىراتنى يېزىشقا مەركەزلەشتۈرگەن.

      ماقالە – ئەسەر يېزىقچىلىقىدا ق\كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىل ئاتلاش، سەكرەش ۋە ئۆتۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىش – ھەرىكەت، ۋەقەلەرنى نەچچە ئون يىل ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە كەينىگە ياندۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى قىسقارتىپ ماقالىنى ئىخچاملىققا، مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغىلى، مەزمۇنىنى بىر نىشان، بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

      ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، سەكتەتمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۆتۈشنىڭ تەبىئىي بولۇشى، تۇتىشىش، باغلىنىش ھەم ماسلىشىشنىڭ زىچ بولۇشىغا، ئارىدا كەمتۈكلۈك ۋە كاۋاكلارنىڭ قالماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئابزاس بىلەن كېيىنكى ئابزاس ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ۋە ۋاقىت پەرقى زور بولغاندا ئۇلارنى بىر – بىرىگە تەبىئىي ھالدا تۇتاشتۇرىدىغان ‹‹ئۆتۈش›› ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق قوللىنىش زۆرۈر.

      ئۇنداقتا ئۆتۈش دېگەن نېمە!

      ئۆتۈش ماقالىدىكى بۆلەك ۋە ئابزاسلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى، باشتىكىسى بىلەن كېيىنكىسىنى بىر – بىرىگە ئۇلايدىغان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان سۆز ۋە جۈملىلەردىن ئىبارەت.

      ئادەتتە بايان قىلىنىۋاتقان ۋەقەلىكتە ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش بولغاندا، بولۇپمۇ چېكىنمە ۋە قىستۇرما بايانلارنى قوللانغاندا ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ھازىرقىدىن بۇرۇنقىغا ياكى بۇرۇنقىدىن ھازىرقىغا يۆتكەلگەندە ئۆتۈشنى قوللىنىش زۆرۈر بولىدۇ. مەسىلەن، ‹‹شۇئان بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كەلدى››، ‹‹بۇ بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى بىر ۋەقە ئىدى›› دېگەندەك.

      ئەگەر ئۆتۈش مۇۋاپىق قوللىنىلمىسا ماقالىنىڭ بۆلەك، ئابزاسلىرى ئارىسىدا يوچۇق، كاۋاكلار شەكىللىپ، ماقالە قۇرۇلما جەھەتتىن مۇكەممەل بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانماي قالىدۇ. مەسىلەن، ھەبىبۇللا ھەمىدۇلنىڭ ‹‹يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام›› ناملىق ماقالىسىدكى ‹‹تۆتىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى›› دېگەن ئۆتۈش جۈملىسىنى ئېلىۋەتكەندە، بۇ ماقالە زادى قايسى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى يازغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنىقسىز بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە باشتىكى ئابزاس بىلەن كېيىنكى ئابزاسلار باغلاشمايدىغان، قالايمىقان ماتېرىياللار خاتىرىسى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ماقالە يازغاندا ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

ماقالە يېزىقچىلىقىدا يەنە مەزمۇنلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ يېزىش ئىنتايىن مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى، چۈنكى مەزمۇن سىستېمىسىنىڭ ھەربىر تارمىقى بىر – بىرى بىلەن مەسلاشماي، بىر – بىرىنى چەتكە قاقىدىغان، بىر – بىرىگە زىت بولۇپ قالسا ۋە باشتا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى ئاخىرىدا ئىسپاتلىماي ئۇنتۇپ قېلىپ، باشقا بىر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ماقالە مەزمۇنى بىردەكلىككە ئىگە بولماي، كۆزلىگەن مەقسەت – مۇددىئانى تولۇق ھەم ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر ساۋاقداش ئۆزىنىڭ ‹‹تۇغۇلغان كۈنۈم›› ناملىق ماقالىسىدە باشتا ‹‹مەن 1988 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تۇغۇلغان، بۈگۈن دەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم›› دەپ يازغان. بىز ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ۋە باشلانمىسىغا قاراپ، بۇ ساۋاقداشنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىكى ئىشلار ھەم ھېس – تۇيغۇلىرىنى يازغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىمىز. ئەمما ماقالىنى ئوغۇغانسېرى بۇ ھۆكۈمىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى بۇ ساۋاقداش ماقالىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىنى ‹‹مەن ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادام ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاپام باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى›› دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلاپ، ماقالىنىڭ كېيىنكى داۋامىنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن. ماقالە تۈگىگەنگە قەدەر تۇغۇلغان كۈنى توغرىسىدىكى گەپ – سۆزلەرنى پەقەت تىلغا ئالمىغان. ساۋاقداشلار، بۇ ماقالىنىڭ باش – ئاخىرى ماسلىشىپتىمۇ؟ پەقەت ماسلاشمىغانلىقىنى سىلەرمۇ ھېس قىلدىڭلار، شۇنداقمۇ؟ شۇڭا سىلەر بۇ ساۋاقداشتەك بىپەرۋەرلىق قىلماي، ماسلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭلار.

      ماقالە قۇرۇلمىسى يەنە بۆلەك، ئابزاسلارنىڭ ئېنىق، مۇۋاپىق بولۇشى بىلەن پۇختا ۋە روشەن بولۇش تەلىپىگە يېتەلەيدۇ. بۆلەك، ئابزاسلار ئەدەبىيات دەرىسىدە داۋاملىق تىلغا ئېلىنىپ تۇرغاچقا، بۇلار توغرىلىق ساۋاقداشلار خېلى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە.

      ئەمما بەزى ساۋاقداشلار ماقالىنى بۆلەك، ئابزاسلارغا بۆلۈپ يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بىر باشلىۋالسا ئەڭ ئاخىرىغا كەلگىچە ئىش – ھەرىكەتلەرنى بىر – بىرىگە ئۇلاپ يېزىۋېرىدۇ. نەتىجىدە ماقالە مەزمۇنىنىڭ ئېنىق، روشەن، چۈشىنىشلىك ئىپادىلىنىشىگە زور تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، ماقالىنىڭ شەكىل گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە ئاز بولمىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بۆلەك – ماقالە ئىدىيىۋى مەزمۇنىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى ياكى مەزمۇنىنىڭ ئىپادىلىنىش تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى بۆلەك ئاپتورنىڭ تونۇشى ھەم ئىدىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش قەدىمىدىن ئىبارەت.

     (ئۆرنەك)

چىراغ

گۈلزار مۇھەممەت

      چىراغ!

      ئۇ يورۇقلۇق بەرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقۇچى نۇر. مەن چىراغقا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم. ئىنسانلار ئولتۇراۇۋاتقان ئۆيلەر ھەر خىل ئېلېكتىر چىراغلىرى ئارقىلىق يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئىنسان قەلبى زادى قايسى چىراغ ئارقىلىق يورۇتۇلىدۇ؟

      مەن ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگىنىمدە، ئۆزىنىڭ مەشئەلگە ئوخشاش نۇرلىرى بىلەن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان سەبىي دىللارنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىمنىڭ مۇنبەر ئالدىدىكى مەغرۇر سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ.

      شۇنداق، ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغ، ئىنسانلارنى قاراڭغۇ دۇنيادىن ھاياتلىق يولىغا باشلىغۇچى نۇرلۇق مەشئەل.

ساۋاقداشلار، قاراڭلار! ئۇلارنىڭ مۈكچەيگەن بەللىرى، ئاقارغان چاچلىرى، قورۇق باسقان يۈزلىرى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇلار بۇ جاپالارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن راھەت دەپ بىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرى ئېرىشىدىغىنى، يەنە شۇ ئاق چاچلار، مۈكچەيگەن بەللەر ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئەنە شۇ مۇنبەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ ياشلىقى بىلەن خۇشلاشماقتا، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئاشۇ سەبىي قەلبلەرگە بەخش ئەتمەكتە...

      بۇ نېمە دېگەن ئالىجاناب روھ – ھە!

      ئۇلار ئەنە شۇنداق كۆيۈش بەدىلىگە باشقىلارنى يورۇقلۇققا ئىگە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار روھىنى چىراغقا ئوخشاتساق ئەرزىيدۇ. مەن شۇلاردەك ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغ كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن، مەن ئۇلارغا چوقۇنىمەن.

      مەنمۇ كەلگۈسىدە ئۇلارغا ئوخشاش سەبىي دىللارنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغ بولۇشنى، ئۆزۈمنىڭ ياشلىقى ۋە ئەقىل – پاراسىتىمنى سانسىزلىغان ياش غۇنچىلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئاھ! ئوقۇتقۇچى سىز مېنىڭ قەلبىمدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس نۇرلۇق چىراغسىز!

      (باھا)

      مانا بۇ نەسىر ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ پىكرى مانا مۇشۇ بۆلەكلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. بىرىنچى بۆلەكتە، چىراغنىڭ رولى سۆزلىنىش بىلەن بىرگە، ئاپتورنىڭ چىراغقا قاراپ خىيالغا پاتقانلىقى، ‹‹ئىنسان قەلبى زادى قايسى چىراغ ئارقىلىق يورۇتۇلىدۇ؟›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرغانلىقى يېزىلغان. ئىككىنچى بۆلەك ‹‹مەن ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگىنىمدە›› دېگەن يەردىن ‹‹مەن ئۇلارغا چوقۇنىمەن›› دېگەن يەرگىچە بولۇپ، بۇ بۆلەكتە، ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغقا ئوخشىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەجرى ۋە تۆھپىلىرىگە باھا بېرىلگەن ھەمدە ئاپتورنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. ئۈچىنچى بۆلەكتە ئاپتورنىڭ كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، سەبىي دىللارنى يورۇتۇش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. مانا بۇ بۆلەكلەردە پىكىر جەھەتتە يۆتكىلىش ۋە بۇرۇلۇش بار. مەسىلەن، بىرىنچى بۆلەكتىكى چىراغ ھەققىدىكى پىكىر ئىككىنچى بۆلەكتە ئوقۇتقۇچىغا يۆتكەلگەن. ئۈچىنچى بۆلەككە كەلگەندە پىكىر ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يۆتكەلگەن.

      دېمەك، بۆلەك پىكىردىكى مانا مۇشۇنداق تەرتىپ ۋە بۇرۇلۇشلاردىن ئىبارەت. ئابزاس ماقالىنى شەكىللەندۈرىدىغان كىچىك بىرلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ باش قۇردىن باشلاپ يېزىلىشتەك روشەن بەلگىسى بار. ئابزاس ئاساسەن ماقالە مەزمۇنىنى ئىپادىلەش ۋاقتىدىكى بۇرۇلۇش، تەكىتلەش ۋە توختاش ئالامەتلىرىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما، بەزى ساۋاقداشلاردا ماقالىنى ئابزاسقا بۆلمەي يېزىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر. شۇ تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل زېرىكىش، ھارغىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئابزاسنى ئۇنتۇپ قالغاچقا ئوقارمەنلەرگە ئوقۇش جەريانىدا ‹‹توختاش››، ‹‹تېنىۋېلىش››، ‹‹تەپەككۇر قىلىش›› پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلمىگەن.

 

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى›› دىن تەھرىر: ئاينۇر