باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹قول بېسىشىش›› ئويۇنى

      ‹‹قول بېسىشىش›› ئويۇنى كۈچ سىناش تۈرىگە تەۋە قەدىمىي ئويۇن. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىنىڭ بۈيۈك تىل قامۇسى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ 2 ــ تومىدا بۇ ئويۇننى تىلغا ئېلىپ: ‹‹... قول بېسىشىشتا قايسىمىز كۈچلۈك دەپ بەسلەشتى›› دەپ مىسال كۆرسەتكەن.

      ‹‹قول بېسىشىش›› ئويۇنى بىر يىلنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىدە ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغان رىياسەتچى كۈچ سىناشماقچى بولغان بالىلارنى ياش قۇرامى، كۈچ ـ قۇۋۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن پار كەلتۈرۈپ ئىككى ــ ئىككىدىن گۇرۇپپىلارغا ئايرىيدۇ، ئاندىن بىرىنچى قېتىم ئويۇن باشلايدىغان ئىككى بالىنى قول بېسىشىش سورۇنىدىكى ئۈستەل ياكى شۇ شەكىللىك باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغۇزۇپ، ئىككى بالىنىڭ پۇت ـ قوللىرىنى مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە جايلاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ بېسىشىدىغان قولىنىڭ ئالىقان ۋە جەينەك قىسىملىرىنى بىر تۈز سىىزىققا كەلتۈرۈپ، بەدەن ھالىتىنى توغرىلاپ بولۇپ ئاندىن ئويۇننى باشلاشقا ئىجازەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۈستەلگە ئوخشاش نەرسە تېپىلمىسا، قول بېسىشماقچى بولغان ئىككى بالا ئوڭ جەينىكىنى يەرگە تىرەپ، سول قولى بىلەن يەرگە تايىنىپ تۇرۇپ مۇسابىقىلەشسە بولىدۇ. بالىلار قول بېسىشىشنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا ئۆزئارا قاتتىق ‹‹ئېلىشىدۇ››. بۇ جەرياندا مۇسابىقە رىياسەتچىسى بۇ ئىككى بالىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق مۇسابىقىلىشىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى بالا مۇسابىقە قائىدىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلسا، بىر تەرەپ بېسىپ چۈشكۈچە مۇسابىقە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. قول بېسىشقۇچىلار قارشى تەرەپنىڭ قولىنى جەينىكى قويۇلغان نەرسىگە تەگكۈچە باسىدۇ.

      مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆزئارا پارلاشتۇرۇلۇپ، بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بالىلار مۇسابىقىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى يەڭگۈچىلەر قايتا ــ قايتا گۇرۇپپىلاشتۇرۇلۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە سېلىنىدۇ، ئاخىرىدا يەڭگۈچىلەر باھالاپ چىقىلىدۇ. مۇسابىقە بېشىدا بېكىتىلگەن دەرىجە قانچە بولسا، يەڭگۈچىلەرنىڭ سانىمۇ شۇنچە بولىدۇ. دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلارنىڭ تاللىنىش شەرتىمۇ پەرقلىنىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنى غەيرەتلىك، جاسارەتلىك، ساغلام، كۈچلۈك، جىگەرلىك قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ قول، پۇت قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ چېنىقىشى ۋە نورمال يېتىلىشىنى ئالغا سۈرۈپ، بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدۇ، بالىلارغا رىقابەت ئىچىدە ئالغا بېسىشنى ئۆگىتىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي