باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت بىلىمىدىن سۇئال – جاۋاپلار

      سوئال: ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە باش شۇجى خۇجىنتاۋ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەترەت خىزمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي يەنە ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى نىشانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئاساسىي قاتلام ئەترەت تەشكىلاتى قايسى جەھەتلەردىن داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك؟

      جاۋاپ: ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پائالىيەتنى بارلىق پىيونېرلارغا يۈزلەندۈرۈپ پائالىيەتنىڭ ئومۇملىشىشىنى، ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە قاراتمىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ھەممە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشتىكى يېڭى مەۋسۇم، يېڭى ئوقۇش يىللىق كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ئوتتۇرا ئەترەت، كىچىك ئەترەت ۋە ئەترەت كۇرۇژۇكلىرىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش لازىم، پائالىيەت يوللىرىنى ۋە ساھەسىنى كېڭەيتىپ ئەترەت خىزمىتىنى ئىجادچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پىيونېرلارنى رەڭگارەڭ پائالىيەت داۋامىدا ئاڭلىق تۈردە «تۆتتە ياخشى» ئۆسمۈر بولۇشقا يېتەكلەش لازىم. مەسىلەن: ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش ئىجادىيەت ناخشىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش؛ ئۆسمۈرلەر ياقتۇرىدىغان مۇزىكا، كارتون شەخسلىرى، ئويۇن، كىنو تېلېۋىزىيە فىلىملىرى قاتارلىق دەۋرگە ماس مودا مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پائالىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىيونېرلار كوزىر پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. مەسىلەن، ‹‹قول تۇتۇشۇش››، ‹‹قول تۇتۇشۇش پىيونېرلار كىتابخانىسى›› نى بەرپا قىلىش، ‹‹كىچىك بۈركۈت›› مېدالىنى تالىشىش، ‹‹بىخەتەرلىك پائالىيىتى››، ‹‹پىيونېرلار ھەربىي مەكتىپى››، ‹‹پىيونېرلار پەنلەر ئاكادېمىيەسى›› قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ تېخىمۇ كۆپ ئۆسمۈرلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر