باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

10 يىلدىن كېيىن قانداق مۇنچا بارلىققا كېلىدۇ

      نەچچە كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيەلىك لايىھەلىگۈچى، پىسخولوە، ئىنژېنېرلاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2021 – يىلىدىكى مۇنچىنىڭ مودېلىنى جامائەتكە ئاشكارلىدى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئۆلچەملىك مۇنچىلار تېزلا ئاسار – ئەتىقىگە ئايلىنىپ، كېيىنكى ئەۋلاد مۇنچا ئائىلىلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن.

      يېڭى لايىھەدە مۇئامىلىدارلار بىلەن مۇنچا ئوتتۇرىسىدا دىياگلۇق ئالاقىنى ئاساس قىلىش تەكىتلىنىدۇ، بۇ خىل مۇنچا مۇئەييەن ‹‹ھېسسىي تۇيغۇ››غا ئىگە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆي ئىگىسىنى يېڭىچە تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: سىز مۇنچىغا كىرىشىڭىزغىلا چىراغ ئەڭ مۇۋاپىق يورۇقلۇقتا يېنىپ، سۇ تېمپىراتۇرىسى سىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان تېمپېراتۇرىغا كېلىدۇ. يۇيۇنۇۋاتقاندا زېرىكىپ قالسىڭىز، ئېلىكتىراونلۇق مۇنچا توسۇقىنىڭ تېمىدىكى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز ياكى تورغا چىقىپ پاراڭلىشالايسىز، ئەلۋەتتە بۇلارنى قول بىلەن بېسىش ھاجەتسىز، ھەممىسى ئاۋاز بىلەن باشقۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پەرداز ئەينىكى سىزنىڭ كىيىنىش، ياسىنىشىڭىزغا پىكىر بېرەلەيدۇ. يۇندىلارمۇ دەۋرىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى، كەلگۈسى مۇنچىدىكى ئەۋزەر يولى، قول يۇيۇش دېسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تازىلاش مەسىلىسى بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا ئالاقىدار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر