باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

مېنىڭ دادام

گۈلزىرە كۈرەش

      مېنىڭ دادام ئاشپەز ئۇ نۇرباغ ئشچىلار ئاشخانىسىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ ئىشقا كېچىكمەيدۇ، ئىشتىن بالدۇر قايىتمايدۇ، ھەتتا ئاغرىپ قالغان چاغلىرىدىمۇ ئىشقا بارىدۇ.

      دادام ساۋاتسىز، شۇنداق بولسىمۇ، تىرىشىش ئارقىلىق 3 ــ دەرىجىلىك ئاشپەزلىك كىنىشكىسىنى ئالدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ، بىراق بىزگە ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، ئاتا ــ ئانىلار يىغىنغا تولۇق قاتنىشىدۇ، ئۆگىنىش شارائىتىمىزنى ياخشىلاشنىڭ غېمىدىلا يۈرىدۇ. شۇڭا دادام بىلەن پەخىرلىنىمەن، ئۇنىڭ ئۇمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 ــ باشلانغۇچ مەكتەپ 5 ــ يىللىق 5 ــ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر