باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

      كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

      ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى، مائارىپ نازارەتلىرى (مائارىپ كومىتېتلىرى)، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارەتلىرى (ئىدارىلىرى)، پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرىغا: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، كادىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىرلىكتە تارقاتقان «پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر» ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، كادىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى بىرلىكتە تارقاتقان «›تەربىيەچىلەرنى باشقۇرۇش چارىسى‹نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (سىناق)»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ئەترەت خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە پىكىر تەكىتلەندى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

      1. تەربىيەچىلەر ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈچى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكلىگۈچىسى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات نىشانىنىڭ يولباشچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگۈچىسى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە مۇلازىمەت قىلغۇچى، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتنى قوغدىغۇچى ۋە تەرەققىيات مۇھىتى ياراتقۇچى. تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. باش شۇجى خۇ جېنتاۋنىڭ ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ۋە 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەركەزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى ئەترەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تەشكىلىي خاراكتېرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەترەت تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم.

      2. جايلاردىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئىش ئورنى تەسىس قىلىش لازىم. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنى ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى، ئىلغار ئىتتىپاق ئەزالىرى ياكى پارتىيەگە كىرىشنى تەلەپ قىلغان ئاكتىپلار ئۈستىگە ئېلىشى، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى ئىشقا قويۇش مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنى تاللاش، تەقسىم قىلىش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش تەلىپىدىن تۆۋەن بولماسلىقى، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا قويۇش ياكى مەكتەپ كۆرسىتىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلى ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇشى لازىم. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى تەربىيەچى خىزمىتىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بەلگىلىك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىك خىزمىتىنى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى(باش ياچېيكىسى)نىڭ شۇجىسى ياكى مۇئاۋىن شۇجىسى قوشۇمچە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ. شارائىتى بار ئورۇنلار چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چوڭ ئەترەت مۇئاۋىن تەربىيەچىسى تەسىس قىلسا بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئادەتتە سىنىپ مەسئۇللىرى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ.

      3. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر، رايون)، يېزا(بازار)لاردا پىيونېرلار باش تەربىيەچىسى تەسىس قىلىش ھەم مۇقىم بولۇشى لازىم. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردە باش تەربىيەچىنى تەقسىم قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ياكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شەھەر(ۋىلايەت)لەردە باش تەربىيەچى تەڭ دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرىدا تەسىس قىلىش لازىم. ناھىيە(شەھەر، رايون)لاردا باش تەربىيەچىنى تەڭ دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېت ياكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدا تەسىس قىلىش لازىم. مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىكى ئىتتىپاق تەشكىلاتى مەسئۇلى ياكى ئەترەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ. يېزا(بازار)لاردىكى باش تەربىيەچىلىك ۋەزىپىسىنى مەركىزىي مەكتەپلەرنىڭ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

      4. ئەترەت تەربىيەچىلىرى خىزمىتى خىزمەت مىقدارىغا كىرگۈزۈلۈشى ھەمدە تەربىيەچىلەرنىڭ دەرس سائىتىنى مۇۋاپىق قىسقارتىپ بېرىش لازىم. تەربىيەچىلەرنىڭ ئەترەت خىزمىتى مەزمۇنى خىزمەت تۆھپىسىنى تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلۈشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن تۆھپە مائاشى تارقىتىش لازىم.

      5. تەربىيەچىلەرنىڭ ئەترەت خىزمىتىدە ئېرىشكەن تۈرلۈك مۇكاپات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇشتا ئېرىشكەن مۇكاپات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ھەمدە شەخسىي ئارخىپىغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، ئىلغارلارنى باھالاش، ۋەزىپە ۋە مائاش ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش لازىم. گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەربىيەچىلەرنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترەت تەشكىلاتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىرىمىگە ئاساسەن تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى لازىم. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى تەقدىرلەيدىغان ئىلغار خىزمەتچىلەر، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەقدىرلەيدىغان ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە پىيونېرلار ئەترەت تەربىيەچىلىرى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىشى لازىم.

      6. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش بەلگىلىمە ۋە تەلىپىگە ئاساسەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ ئۇنۋان (ۋەزىپە)سىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ ئەترەت خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە خىزمەت مىقدارى، خىزمەت سۈپىتىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم. دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك پەن ئوقۇتۇشى ئاستىدا ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك 2 – دەرىجىلىك پەنلەرنى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، شارائىتى بار ئورۇنلار ئالىي كەسپىي مائارىپ، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت تەربىيەلەش مائارىپىدا ئالاقىدار ئوقۇتۇش مەزمۇنى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، شۇ ئاساستا تەربىيەچىلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش، تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىدىغان كەسپىي پەن تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەربىيەچىلەرنىڭ كەسپىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، تەربىيەچىلەر ئوقۇتۇشنىڭ كەسپلىشىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

      7. پىيونېرلار ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ تەربىيەچىلەرنىڭ ئىدىيە، سىياسىي ساپاسىنى ئەترەت خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە كەسپىي بىلىم قابىلىيىتى تەربىيەسىنى نۇقتىلىق ھالدا كۈچەيتىش لازىم. تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش زۆرۈر، تەربىيەلەش ۋاقتى ۋە راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

      8. سىياسىي، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتلەردە تەربىيەچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش ۋە يېتىشتۈرۈش لازىم. ئىلغار تەربىيەچىلەرنى پارتىيە تەشكىلاتىغا تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىلغار چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى مائارىپ سىستېمىسىدىكى زاپاس كادىرلارنى تەربىيەلەش سېپىگە كىرگۈزۈش لازىم.

      9. مەكتەپ سىرتىدىكى پىدائىي تەربىيەچىلەر تۈزۈمىنى تىكلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىپتىدائىي تەربىيەچىلەرنى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر