باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

ئىشتىياق يولىدا بېسىلغان قەدەم

مېھرىگۈل سۇلايمان، ئايشەمگۈل جاپپار

 

      — ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بوپتۇ.

      — ھەئە، ئاڭلىدىم، بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماپتۇ دەيدىغۇ؟

      — كىچىك ئەزىمەتلەر ئۆزىنى تازا بىر كۆرسىتىپ قويۇپتۇ.

      — چەت ئەللەرنىڭ كۇلۈب كوماندىلىرىمۇ قاتناشقانىكەن، چەت ئەللىك مەشقاۋۇللار ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېخنىكىسىغا ھەيران قاپتۇدەك.

      مانا بۇلار ئىيۇلنىڭ ئاخىرى، ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىلىكلەر پاراڭلىرىنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇپ قالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلىكى كىشى ھاياجانلىناتتى، كىچىك ئەزىمەتلەردىن سۆيۈنەتتى، ئۇلارنى غايىۋانە تەبرىكلىشەتتى.

      بۇ خەۋەر بىزنىمۇ ھاياجانلاندۇردى. شۇ دەملەردىلا بىزدە بۇ شان – شەرەپكە نائىل بولغان كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى بىخ سۈردى.

      بىز يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى يارمۇھەممەت مەخسۇتنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

سەبىيلىكتىكى ئىشتىياق

      يارمۇھەممەت مەخسۇتنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەكتىپىدە مەكتەپلەر ئارا شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن 5 –، 6 – يىللىقلاردىن ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ كوماندا تەشكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە پۇتبول قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشىقلىرى يارمۇھەممەتنى قىزىقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇتبولغا ھەۋەس قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەنەپپۇس ۋە مەكتەپتىن قايتقانلاردا پۇتبول ئويناپ قانمايدىغان بولدى. ئۇنىڭ چاققان ھەرىكەتلىرى، سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى تېزلا مەكتەپنىڭ كوماندا يېتەكچىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە كوماندىغا قوبۇل قىلدى. ئۇ كوماندىدىكى ئەڭ كىچىك ئەزا بولۇپ قالدى. بۇ كوماندا يارمۇھەممەتنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ پۇتبول بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

      يارمۇھەممەت تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىلاردا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىمۇ پۇتبول كوماندىلىرىغا تاللىنىپ مەشىقنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئۇ قاتناشقان كوماندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنچى بولدى. ئۇ شۇ چاغدىكى خۇشاللىق ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

      — شۇ چاغدا بەكمۇ خۇش بولدۇم. خۇددى مۇسابىقىنى مەن يالغۇز ئوينىغاندەك، مېنىڭلا شان – شەرىپىمدەك ھېسسىياتقا كەلگەنىدىم. ئەمدى ئويلىسام مېنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىم مېنى شۇنداق ھېسسىياتقا كەلتۈرگەنىكەن.

      يارمۇھەمەت تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۇ يەردە ئۆز ھەۋىسىنى بىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ كېيىنكى قەدىمىگە پۇختا ئاساس سالدى.

ئىشتىياق يولىدا

      يارمۇھەممەت 1994 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى. بالىلىقتىكى ھەۋىسى ئۇنى جىم تۇرغۇزمايتتى. ئۇ بارلىق ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ ماتېرىياللىرىنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىرەر مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەينى چاغدىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ يىگىتتىكى تۈرگۈنلۈك، غايىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

      مەكتەپتە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تولۇق بولغاچقا يارمۇھەممەت رەسىم، تەبىئەت دەرسى بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كۆڭلىدىكى ئارزۇ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.

      — مەن مەكتەپتىكى پۇتبول كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولسام دەيمەن.

      مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ ئۇنىڭدىكى قەتئىيلىك، ئىشەنچنى كۆرگەندىن كېيىن ماقۇللۇق بىلدۈردى.

      شۇنىڭ بىلەن يارمۇھەممەتنىڭ پۇتبول مەشقاۋۇلىلىق ھاياتى باشلاندى. ئۇ پۇتبول كوماندىسى ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان چىدامچانلىق مەشىقى، ماھارەت مەشىقىنى كۈچەيتتى. كوماندىغا ئەزا تاللاشتىن تارتىپ مەشىقلىرىگىچە بوشاڭلىققا، سەل قاراشقا يول قويمىدى. ئۇ كوماندا تۇتۇپ كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ كوماندىسى تەڭرىتاغ رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.

      يارمۇھەممەت كوماندىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتسە كوماندىدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ 1996 – يىلى مەكتەپتە ئىككى پۇتبول كوماندىسى قۇردى. بۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا ئۇ يېتەكلىگەن كوماندا ئۇدا رايون، شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. يارمۇھەممەتمۇ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، جاپادىن قورقمايدىغانلىقى، كەسىپچانلىقى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى. 1999 –، 2001 – يىلى شەھەر بويىچە «تايانچ ئوقۇتقۇچى»، «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى.

ئىشتىياق يولىدىكى ئىزدىنىش

      يارمۇھەممەت نۇرغۇن يىل پۇتبول مەشىق قىلدى، پۇتبول ئوينىدى، تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇپ بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولدى، لېكىن كوماندا يېتەكلەش جەريانىدا ئۆزىدە نېمىنىڭدۇ كەملىكىكىنى ھېس قىلاتتى.

      يارمۇھەممەت 2002 – يىلى ئاسىيا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەشقاۋۇل تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپC دەرىجىلىك مەشقاۋۇل، 2006 – يىلى B دەرىجىلىك مەشقاۋۇل كۇرسىغا قاتناشتى. بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. بالىلارنى قانداق مەشىقلەندۈرۈش، بەدەن ساپاسىنى قانداق ئۆستۈرۈش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ئىلمىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىمگە ئىگە بولدى. 2006 – يىللىق كۇرس يارمۇھەممەتنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالدى. خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ لېكتورى گېرمانىيەلىك كىنت ئەپەندى كۇرسانتلارغا خەلقئارا مەشقاۋۇللىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە دەرس ئۆتتى. يارمۇھەممەت بۇ قېتىملىق كۇرستا ئېلىنغان تۆت قېتىملىق ئىمتىھاندا ياخشى باھاغا ئېرىشىپ كىنت ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. كۇرس ئاخىردا كىنت ئەپەندى يارمۇھەممەت بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى.

      بۇ ئىككى قېتىملىق بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدە يارمۇھەممەت پىشىپ يېتىلدى. ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنى مەشىقلەندۈرگەندە ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپ ئېلىش، توپ كونترول قىلىش، ئېلىپ مېڭىش، ئالداپ ئۆتۈش تېخنىكىسىنى ئۆستۈردى. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە كىچىك ماھىرلارنىڭ تېخنىكىسى باشقا كوماندا مەشقاۋۇللىرىنى قايىل قىلدى، شۇنداقلا يارمۇھەممەتكىمۇ قايىل بولۇشتى.

     يارمۇھەممەت مەشىق ئۈستىدە.

 ئۇ پۇتبولدا ئالاھىدىلىكى بار بالىلارنى بايقاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ھەر يىلى سىنىپلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە، سۈرئىتى تېز، توپتىن قورقمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى بايقاپ كوماندىغا قوبۇل قىلىشنى تۈزۈملەشتۈردى. ھازىر مەكتەپتە 1 – 2 – يىللىقلارنى، 3 – 4 – يىللىقلارنى، 5 – 6 – يىللىقلارنى ئاساس قىلغان ئۈچ كوماندا، قىزلار كوماندىسى بولۇپ تۆت كوماندا بار. مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى مەشىقنى چىڭ تۇتىدۇ. ھەر شەنبە كۈنى مەشىق قىلىدۇ.

      يارمۇھەممەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول بىلەن بولۇپ كېتىپ دەرسلەرنى تاشلاپ قويماسلىقىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتتى. سىنىپ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ قەرەللىك ھالدا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى تۈزۈملەشتۈردى. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدە چېكىنىش كۆرۈلسە شۇ ئوقۇغۇچى دەرسلەردە يېتىشىۋالغۇچە مەشىقنى توختاتتى. يارمۇھەممەتنىڭ دەرسلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشى نەتىجىسىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى پۇتبول ئويناشتىن توسىدىغان ئەھۋاللىرى بارغانسېرى ئازايدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.

ئىشتىياق ئاتا قىلغان شەرەپلەر

      ئۆز كەسپىنى سۆيگەن، شۇنداقلا ئۆز كەسپىنى ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرالىغان ئادەم ئاددىي خىزمەت ئورنىدىمۇ ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ. يارمۇھەممەت ئۆزىنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلىدۇ، ئۇ ئۆزى ئىشتىياق باغلىغان، سۆيگەن كەسپنى قىلالىدى، ئۆزى ئارزۇ قىلغان پۇتبول مەشقاۋۇلىلىق خىزمىتىنى قىلىپ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى مەشىقلەندۈرۈپ باشقىلارغا ئاخىرىغىچە تىرىشقاندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش يوقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

      يارمۇھەممەتنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ئارقا – ئارقىدىن نەتىجە قازىنىپ ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ۋاكالىتەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كۆپ قېتىم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2011 – يىلى 4 – ئايدا دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە تېخنىكىسى بۆلۈمى، مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى بۇ مەكتەپكە تەكشۈرۈشكە كەلدى. مېھمانلار كوماندىنىڭ مەشىقىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى. 5 – ئايدا مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋېي دى ئەپەندى بۇ مەكتەپكە كېلىپ كوماندىنى كۆزدىن كەچۇردى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق شارائىتى ناچار ئەھۋالدىمۇ تېخنىكا جەھەتتە كەسپىي كۇلۇبلاردا مەشىق قىلىۋاتقان بالىلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول مەشىقىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە مەدەنىيەت دەرسلىرىنىمۇ چىڭ تۇتۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېمونت مەيداندا مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەيداننى پۇتبول مەشقىگە لايىقلاشتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى.

      ماقالىمىزنىڭ بېشىدا بىزنى ھاياجاندۇرغان مۇسابىقە توغرىسىدا توختالغانىدۇق. بۇ 2011 – يىلى 18 – ئىيۇلدىن 22 – ئىيۇلغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارالىق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى. مۇسابىقىگە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبلىرى قاتناشقانىدى. مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر ئۇدا يەتتە مەيدان غەلىبە قىلىشتەك نەتىجە بىلەن 13 - U ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيون بولدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا چەت ئەلدىكى ۋېي دى ئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەبرىكلەپ يارمۇھەممەتكە تېلېفون قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە 11 قېتىم چېمپىيون بولدى. مۇسابىقە مەيلى قايسى جايدا ئۆتكۈزۈلسۇن يارمۇھەممەت ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئوغۇللىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈندى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغاندا ئوقۇغۇچىلار تاماقتىن قىينالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يارمۇھەممەت ئۆزى تاماق ئېتىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇردى.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ 2009 – يىلى مەملىكەت بويىچە ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولىنى قانات يايدۇرىدىغان مەكتەپ، 2010 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ياش – ئۆسمۈلەر پۇتبول مەشىق بازىسى قىلىپ تاللىنىشتەك شەرەپكە ئېرىشتى. 2011 – يىلى مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ مەكتەپكە خەلقئارالىق مۇسابىقە تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى. بۇ مەكتەپ شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى ۋە قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا ئالتە تەنھەرىكەتچى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

      زىيارەت داۋامىدا يارمۇھەممەت مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ، تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى:

      — پۇتبول مۇسابىقىسى خىراجەتنى كۆپ تەلەپ قىلىدۇ. مەيلى شەھەر ئىچىدىكى مۇسابىقە بولسۇن ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشتا بولسۇن رەھبەرلىك مېنى قوللىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. مۇشۇ پۇرسەتتە مەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

      ھەرقانداق كەسىپتە ياشلار پېشقەدەملەرنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى، خىزمەت قىزغىنلىقى، كەسىپچانلىقىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. يارمۇھەممەتنىڭ تەسىرىدە مەكتەپكە يېڭى كەلگەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشىقىنى تۇتتى، چېلىشىش كوماندىسى، بوكس كوماندىسى، جانبازلىق كوماندىلىرىنى قۇرۇپ بوش ۋاقىت تاپسىلا كوماندىنى مەشىقلەندۈرىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. ئىككى ئوقۇتقۇچى مەملىكەتلىك بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك رېپىرلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن جانبازلىق، بوكس، چېلىشىش مۇسابىقىسىدە يەتتە ئوقۇغۇچى نەتىجىگە ئېرىشتى. تۆت ئوقۇتقۇچى ‹‹مەملىكەتلىك مەكتەپ ئىچى پۇتبول يېتەكچىسى›› نامىغا ئېرىشتى.

      زىيارەت ئاخىرىدا مەكتەپ مۇدىرى جېلىل يارمۇھەممەتنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

      — يارمۇھەممەت خىزمەت دېسە ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان ئوقۇتقۇچى. كوماندا ئەزالىرىنى بېكىنمە مەشىق قىلدۇرۇۋاتقان چاغلاردا ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى، بالىلىرى ئاغرىپ قالغان ئەھۋاللار كۆپ بولدى. لېكىن، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى. ئۇ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرسە، كەسىپچانلىقى بىلەن يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ ياخشى ئۈلگە بولدى.

      ئىشتىياقنىڭ سادىق ئاشىقلىرى ئىشتىياق بىلەن باشلىغان ئىشنى ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويمايدۇ، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. يارمۇھەممەت ئىشتىياق بىلەن باسقان قەدەملىرىنى سالماقلىق بىلەن ئېلىپ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشماقتا. ئۇنىڭ ئىشتىياق گۈللىرى چېچەكلەپ مېۋە بەردى. ئۇنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

سۈرەتنى ئايشەمگۈل جاپپار تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر