باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

قىزىقارلىق پىيادىلەر يولى

      ئۈچكە بۆلۈنگەن پىيادىلەر يولى ئامېرىكىنىڭ لۇئىسبۇرگ شەھىرىدىكى پىيادىلەر يولى ئاق سىزىقتا ئۈچكە بۆلۈنگەن بولۇپ دۇكاننى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئىچى تەرەپتىكى يولدا، ئالدىرىماي ماڭىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىدىكى يولدا، ئالدىراش كىشىلەر سىرت تەرەپتىكى يولدا ماڭىدىكەن.

      رەڭلىك پىيادىلەر يولى سىنگاپوردا پىيادىلەر يولىغا رەڭلىك سېمونت خىش ياكى تەبىئىي رەڭلىك تاش پارچىلىرى ياتقۇزۇلغان. بەزى رەڭلىك پىيادىلەر يوللىرىنىڭ ھەربىر بۆلىكى ئارىلىقىغا ئالاھىدە نەقىشلىك رەڭلىك يول بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ كىشىلەر بۇ بەلگىلەرنى بويلاپ ماڭسىلا بارماقچى بولغان جايغا يېتىپ بارالايدىكەن.

      نۇر چاچىدىغان پىيادىلەر يولى ياپونىيەنىڭ ئېچى ناھىيەسىدە پىيادىلەر ئۆتىدىغان 50 يولغا قىزىل رەڭلىك نۇر چىقىرىدىغان قۇرۇلما ئورنىتىلغان. قاراڭغۇ چۈشكەندە بۇ پىيادىلەر يولىدىن كېسىپ ئۆتكەندە ئاپتوماتىك نۇر چىقىرىدىكەن. شۇڭا، بۇ يولدا قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەسى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن.

      ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى بېرلىن شەھىرىدە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى بولۇپ سائىتىگە 15 – 25 كىلومېترلىق سۈرئەتتە يۆتكىلىدىكەن. بۇ پىيادىلەر يولىدىكى تېز ۋە ئاستا يول ئارىلىقىغا يەنە بىخەتەر تۇتاشتۇرۇش بەلبېغى ئورنىتىلغانىكەن.

      ئەينەك تاملىق پىيادىلەر يولى پارىژنىڭ مەلۇم كوچىسىدا ماشىنىلار ئايىغى ئۈزۈلمەي ماڭغاچقا شاۋقۇن بەك كۈچلۈك ئىكەن. شاۋقۇننىڭ ئالدىنى ئېلىش    ئۈچۈن كىشىلەر پىيادىلەر يولىغا تۆت مېتىر ئېگىزلىكتە ئەينەك تام ياسىغان. بۇ تام ئارقىلىق ئەتراپنى تاماشا قىلىشتىن سىرت شاۋقۇننى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

ئابلەت ئابلىز تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر