باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹بوتبوت›› ئويۇنى

      ‹‹بوتبوت›› ئويۇنى ــــ ‹‹پىپى›› ئويۇنى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ  قەدىمدىن ئوينايدىغان يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئېتىز ـ ئېرىقلارغا سۇ باشلىنىپ، زېمىن ئويغىنىۋاتقان باھار پەسلىدە ئوغۇللار ئوينايدۇ.

      بالىلار ئاتا ــ ئانىلىرى قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئېھتىياجلار ئۈچۈن كەسكەن سۆگەتنىڭ سۈيى قاچمىغان چىۋىقلىرىنى يەرگە بوش ئۇرۇپ ياكى قوۋزىقىنى قولى بىلەن ئاستا تولغاپ بىرئاز بوشىتىۋالغاندىن كېيىن، توم تەرىپىدىن ئىنچىكە تەرىپىگە سۈزۈپ نەيچە پېتىچە ياغاچ قىسمىدىن چىقىرىۋالىدۇ. بالىلار بۇ نەيچىنىڭ ئىنچىكە ئۇچىدىن بىر سانتىمېتىر قىسمىنىڭ قاتتىقراق قوۋزاق قەۋىتىنى تىغ ياكى چىش ئارقىلىق سويۇپ تاشلاپ، نەيچىنى ئاغزىغا سېلىپ پۈۋلەپ ‹‹بوت ـ بوت›› ياكى ‹‹پىپ ـ پىپ›› قىلغان ئاۋازنى چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ ئويۇن ‹‹بوتبوت›› ياكى ‹‹پىپى›› ئويۇنى دەپ ئاتالغان.

      بالىلار بۇ ئويۇنغا كېرەكلىك بوتبوتنى ياسىغاندىن كېيىن، ئۆزئارا بەسلىشىپ ھەر خىل مۇزىكا ئاھاڭلىرىغا چېلىپ ئوينىشىدۇ، ھەتتا بوتبوت چېلىش ئارقىلىق ھەر خىل ‹‹سەنئەت نومۇرلىرى›› نى تەييارلاپ ئۆزئارا ئويۇن كۆرسىتىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ مۇزىكا سېزىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىخلاندۇرۇپ، كېيىنكى مۇزىكا ھاياتىغا بەلگىلىك ئاساس سالىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي