باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئەترەت بايرىقى ئاستىدا بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلەيلى

      پائالىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى

      2011 – يىلى ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ھەربىر ئوقۇغۇچى بالىلىق دەۋردە خۇشال – خۇرام، بەختلىك ياشىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. 2011 – يىلى 9 – ئايدا يېڭى ئوقۇش باشلانغاندا پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى دەرس بەختنى باش تېما قىلغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمغورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكى، بۈگۈنكى بەختنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە، دەۋرنىڭ تەلىپى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىگە ئاساسەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ چىقىشقا يېتەكلەش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى 11 – ئايدا ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى›› پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەر خىل ئەمەلىيەتنى ھېس قىلىش پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت تۈرىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، پىيونېرلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا بەختنى تېخىمۇ ھېس قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئاي ئاخىرىدا مەكتەپلەر تېمىلىق چوڭ ئەترەت يىغىنى ئېچىپ پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى پائالىيىتىدىكى يارقىن نۇقتا ۋە ھېسسىياتىنى خۇلاسىلەپ، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى››نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاش كېرەك.

      پائالىيەت مەزمۇنى

      بىرىنچى، چوڭ ئەترەت يىغىنى مۇراسىمى

      1. ئادەم سانىنى مەلۇم قىلىش. ھەرقايسى يىللىقلاردىكى بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى چوڭ ئەترەت باشلىقىغا ئادەم سانىنى مەلۇم قىلىش، چوڭ ئەترەت باشلىقى تەربىيەچىگە ئادەم سانىنى مەلۇم قىلىش.

      2. بايراق چىقىرىش (بارابانچىلار ئەترىتى بايراق چىقىرىش مۇزىكىسىنى چېلىش. بارلىق پىيونېرلار رەتلىك تۇرۇپ، ئەترەت سالىمى بېرىپ چوڭ ئەترەت بايرىقىنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىش).

      3. ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتىش.

      4. چوڭ ئەترەت باشلىقى سۆزلەش: پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، مەنىسى؛ ‹‹ئەترەت بايرىقى ئاستىدا بىز بەختلىك ياشاۋاتىمىز›› XX مەكتەپنىڭ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى›› مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلاش.

      ئىككىنچى، پائالىيەت جەريانى:

      بىرىنچى باپ: بەختنىڭ مەخپىي نومۇرىنى يېشىپ چىقىش — بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى

      رىياسەتچىنىڭ كىرىش سۆزى: بەخت دېگەن نېمە؟ لۇغەت مەنىسى: ‹‹بەخت دېگەن بىر ئالاھىدە ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ئۇزاق مەزگىل تۇرمۇشتىن ھېس قىلغان قانائىتى ۋە تۇرمۇشتىن ئېرىشكەن زور خۇشاللىقى ھەم خۇشال تۇرمۇشنىڭ تەبىئىي ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشقا بولغان ئارزۇسىدۇر››. ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ بەختكە بولغان كۆزقارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ھېچنىمىسى يوق قەلەندەر ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت قورسىقىنى تويغۇزۇش؛ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت ئەركىن ئازادە ياشاش. ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئۆزى ياراتقاندا بەختنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلالايدۇ.

      1 – پائالىيەت: ‹‹بەخت دېگەن قەدىرلەشتۇر›› دېگەن تېمىدا 1 –، 2 – يىللىق بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەت دوكلات بېرىش.

      بىرىنچى ھالقا: تۇرمۇش بىلەن ئۇچرىشىش

      بىر تال ئالما، بىر پارچە كىتاب ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە. بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرىمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا ئېرىشكەن بەختىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 2 – يىللىقنىڭ پىيونېرلار ۋەكىلى سەھنىگە چىقىپ توپلىغان ماتېرىياللىرى ۋە رەسىمىلىرىنى كۆرسىتىپ تەڭ ياشتىكىلەرنىڭ ھېكايىسىنى دوكلات قىلىدۇ.

      ئىككىنچى ھالقا: ئۆسۈپ يېتىلىش

      ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەت ‹‹مەن مۇنداق ئۆسۈپ يېتىلگەن›› دېگەن تېمىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ۋەكىللىرىنى بالىلىرىنى قانداق چوڭ قىلغانلىقى ۋە ئۈمىدىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئەترەت تەشكىلاتىدا قانداق ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

      ئۈچىنچى ھالقا: بىز چوڭ بولۇۋاتىمىز

      بالىلار شېئىرى ئارقىلىق ‹‹مەن چوڭ بولدۇم›› ئورۇنلىدۇ. ‹‹نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ غەمغورلۇقى ئاستىدا سۆزلەشنى، يول مېڭىشنى ئۆگەندۇق. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بىز كىشىلىك ھاياتنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستۇق. ئاتا – ئانىلار بىز سىلەرگە شۇنى سەمىمىي ئېيتىمىزكى: بىز چوڭ بولدۇق، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بەرگىدەك جاسارىتىمىز بار! قەدىرلىك ئۇستازلار، بىز سىلەرگە شۇنى سەمىمىي ئېيتىمىزكى: بىز چوڭ بولدۇق، بىز چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەر كۈنى ئالغا ئىلگىرىلەيمىز! قەدىرلىك ئاتا – ئانا، ئۇستازلار سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز ھازىر ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىچىك قېيىق، بىز دۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ دېڭىز دولقۇنىنى كۈتۈۋالىمىز!››

      2 – پائالىيەت: ‹‹بەخت دېگەن ھەدىيە قىلىش›› دېگەن تېمىسىدا 3 –، 4 – يىللىقتىكى بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەت دوكلات بېرىش.

      بىرىنچى ھالقا: بەخت دېگەن قول تۇتۇشۇش

      3 –، 4 – يىللىقتىكى پىيونېرلار ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى مەزگىلىدە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ ھال سورىغان ۋە يېتىم – يىسىر، مىيىپ بالىلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقان پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەيدۇ.

      ئىككىنچى ھالقا: بازارغا بېرىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش

      ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى مەزگىلىدە مەكتەپ ھەر جۈمە كۈنى چۈش ۋە چۈشتىن كېيىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىنكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قىزىل گالىستۇكلۇقلار بازارغا بېرىپ سودا قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. يېپىلىش مۇراسىمىدا قىزىل گالىستۇكلۇقلار بازار باشقۇرۇش كىچىك ئەترىتىدىكى پىيونېرلار سەھنىگە چىقىپ نەرسە سېتىش جەريانىدىكى تەسىرلىك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ، بازار باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىم ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمىدا سېتىش ئارقىلىق توپلىغان پۇلنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلىغا بېرىدۇ.

      ئۈچىنچى ھالقا: ناخشا بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش

      كۆپكۈك ئاسمان ئاستىدا بىر توپ بالىلار خۇشال ئوينىماقتا، بىرلىكتە ئۆگەنمەكتە، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

      3 – پائالىيەت: ‹‹بەخت دېگەن جاۋاپ قايتۇرۇش›› دېگەن تېمىسىدا 5 –، 6 – يىللىقتىكى بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەت دوكلات بېرىش.

      بىرىنچى ھالقا: تاماق ئېتىش

      5 – يىللىقتىكى پىيونېرلارنىڭ ۋەكىلى ‹‹ئاتا – ئانىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىش›› پائالىيىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ئۆزىنىڭ قورۇمىلارنى قانداق تەييارلىغانلىقى، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇلار ئەتكەن تاماقنى يېگەندىن كېيىن قانداق ھوزۇرلانغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. پىيونېرلار مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن بەختنى ھېس قىلىدۇ.

      ئىككىنچى ھالقا: چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن سەن بولىمەن

      6 – يىللىقتىكى بالىلار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ‹‹تۆۋەن يىللىقتىكى كىچىك دوستلارغا ئوقۇتقۇچى بولۇش›› ۋە ‹‹بىر ھەپتە تەربىيەچى بولۇش›› دېگەن تېمىسىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان تەسىراتىنى سۆزلەيدۇ.

      رىياسەتچى قىسقا خۇلاسە قىلىش: بەخت دېگەن قەدىرلەش، بەخت دېگەن ئاتا قىلىش، بەخت دېگەن جاۋاب قايتۇرۇش. بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىزدا خۇددىي مەڭگۇ ئۇچۇق تۇرىدىغان كۈنلۈككە ئوخشاش ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى يېپىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ خۇددى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخقە ئوخشاش مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ خۇددى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان شامغا ئوخشاش بىزنىڭ قەلبمىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ئىنچىكە كۈزەتسەكلا بەختنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالايمىز.

      ئىككىنچى باپ: بەخت سېھرىي كۇبىكىنى ئايلاندۇرۇش — بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇنبىرىمىز

      رىياسەتچى (رەڭلىك چوڭ بىر سېھرىي كۇبىكنىڭ مودېلىنى كۆرسىتىدۇ): سېھرىي كۇبىك بىر خىل سىرلىق ئويۇنچۇق بولۇپ، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى سىتىرولۇق بوشلۇققا ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن سىتىرولۇق تەپەككۇرنى كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلارغا قارىتا بىز بىر خىل ئىستېئېولۇق تەپەككۇر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل – پاراسەتكە ئېھتىياجلىق بولىمىز، مانا بۇ ‹‹سېھرىي كۇبىك ئەقىل – پاراسىتى›› دەپ ئاتىلىدۇ. قېنى بىز تۆۋەندە پىيونېرلارنىڭ ‹‹سېھرىي كۇبىك ئەقىل – پاراسىتى››نى قانداق ئىشلىتىپ يېڭى بەختنى ئىزدىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى!

      1 – پائالىيەت: بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش مۇنبىرىنى نامايان قىلىش

      ئالدىنقى قېتىملىق بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش مۇنبىرىدە ئىپادىسى ياخشى پىيونېرلار ۋەكىلى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ دېكلاماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ‹‹بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش››كە بولغان تونۇشىنى بايان قىلغان.

      2 – پائالىيەت: ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىش

      ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمىدا نۇقتىلىق قىلىپ ‹‹بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش›› ھۆسنخەت ۋە رەسىم تىپىكىدىكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارنى ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش.

رىياسەتچى قىسقا خۇلاسە قىلىش: بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش بىر خىل تۇيغۇ، ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئەمەس، ئىچكى تەسىرات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نەتىجە. پەقەت نەتىجىگە ئېرىشسەك، ئالغا ئىلگىرىلىسەك بىز بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلگەن بولىمىز.

      ئۈچىنچى باپ: بەخت گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇش – ئۆسۈپ يېتىلىش سادايىمىزنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش

      1 – پائالىيەت: بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىش.

      بالىلار ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتىش. ناخشا: ‹‹بەخت نەدە››، ‹‹بەخت ناخشىسى››، ‹‹جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى ناخشىسى››، ‹‹قىزىل گالىستۇك لەپىلدىمەكتە›› (ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىچىك ماھىرلار ئورۇنلايدۇ؛ ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمىدا مۇزىكا چالغان كىچىك ماھىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەڭكەش قىلىپ بېرىدۇ؛ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىچىك ماھىرلار ئۇسسۇل ئوينايدۇ).

      مەيداندىكىلەر ‹‹بىز قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››نى بىرلىكتە ئېيتىدۇ.

      2 – پائالىيەت: بەخت گۈلى ئېچىلىۋاتىدۇ.

      رىياسەتچى: كەلگۈسىمىز ئىنتايىن پارلاق، بىز قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ياخشى ئۆسمۈرلەر! سۆيۈملۈك كىچىك دوستلار، ھەممىمىز خۇشاللىق پەرىشتىلىرى، بەختنى بىرلىكتە تاپايلى.

      ‹‹يۇلتۇز مەشئەل تېخىمۇ پارلىسۇن›› مېلودىيەسى ئىچىدە ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتتىكى پىيونېرلار ئۆزىنىڭ ئارزۇسى يېزىلغان ‹‹بەخت گۈلى›› كارتىلىرىنى ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىش ئارزۇسى دەرىخى››گە چاپلايدۇ.

      تۆتىنچى باپ: بەخت ئىشىكىنى ئېچىش — بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خىتابنامىمىز

      بارلىق پىيونېرلار چوڭ ئەترەت باشلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹جۇڭگو ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش خىتابنامىسى››نى ئوقۇيدۇ.

      مەيداندا قەسەم بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى ياكى مەكتەپ رەھبىرى قىسقا خۇلاسە قىلىدۇ.

      شۇئار توۋلاش: ئۆسۈپ يېتىلىش بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىغا تەكلىپ قىلىنغان ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئېزىز مېھمانغا ئەگىشىپ توۋلايدۇ.

      بايراق يىغىش: بارابانچىلار ئەترىتى بايراق يىغىش مۇزىكىسىنى تەڭكەش قىلىدۇ. بارلىق پيونېرلار ئەترەت سالىمى بېرىپ، چوڭ ئەترەت بايرىقىنىڭ مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى كۆرىدۇ.

      ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئۆسۈپ يېتىلىش›› بايرىمى مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر