باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

‹‹ياسانچۇق›› بانان

      سىز بانانغا ئامراقمۇ؟ ئالدىڭىزدا ساپسېرىق، چىرايلىق بانان بىلەن ھەممە يېرىنى قاپقارا داغ باسقان بانان بولسا چىرايلىقىنى تاللايسىز، ئەلۋەتتە. بىراق، ئەسلىدە باناننىڭ ھەممىسى ئوخشاش، سىز باناننىڭ ‹‹ھۆسن تۈزەيدىغانلىقى››نى بىلەمسىز؟ ئۇنداقتا خەينەندىكى بانانزارلىققا بېرىپ باقايلى.

‹‹باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېشى››غا يوشۇرۇنغان غۇنچە

      بانانزارلىققا كىرىپلا چۆچۆپ كەتتىم، ھەممە بانان دەرىخىدە ‹‹باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېشى›› ئېسىقلىق تۇراتتى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ باناننىڭ غۇنچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەربىر بانان دەرىخىدە ئۇزۇن ھەم توم گۈل ئوقى بولۇپ ئۈستىدە غۇنچىسى بار ئىدى. بانان گۈلى بانان غۇنچىسى ئىچىگە يوشۇرۇنغانىدى. بۇ غۇنچە ئېچىلغاندا ئۇنىڭ ھەربىر بەرگىسى ئاستىدا ئىككى رەت بانان گۈلى ئۆسۈپ چىقاتتى – دە كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ گۈللەر بىر ساپاق بانانغا ئايلىناتتى، بىر غۇنچىدە بۇنداق گۈلدىن ئون نەچچە رەت ئۆسكەچكە پۈتۈن دەرەختە نەچچە ئون ساپاق تەملىك بانان پىشاتتى.

ئاتىلىق گۈلنى كېسىۋېتىش

      باناننىڭ توق، چىرايلىق بولۇشى ئۈچۈن كۆپ خىل ئوزۇقلۇق بولۇشى كېرەك. ئاتىلىق گۈلدە مېۋە بولمىغاچقا ئۇلار ئوزۇقلۇقنى خورىتىدۇ خالاس، شۇڭا ھۆسن تۈزەشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى غۇنچىسىنى كېسىۋېتىش، يەنى ئاتىلىق گۈل ئېچىلماستا ئۇنى ئوراپ تۇرغان چوڭ غۇنچىنى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدىسى بار، كەسكەن ئورۇن ئەڭ ئاستىدىكى بىر ساپاق بانانغا تېگىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كەسكەن ئورۇن ئاسانلا مىكروبلىنىپ بانانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كەسكەن ئورۇننىڭ ئاستىدىكى بانان بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك.

‹‹داغ چۈشۈش››تىن ساقلىنىش

      ئوزۇقلۇق خورىتىدىغان ئاتىلىق گۈلنى كېسىۋەتكەندە بانان كۈندىن كۈنگە چوڭىيىدۇ، بىراق ئۇلارنى تېخىمۇ چوڭ ھەم چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ‹‹ھۆسىن تۈزەشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى›› — گۈلىنى ئۈزۈش كېرەك.

      بۇ ۋاقىتتا ئانىلىق گۈل بىلەن مېۋە ئوزۇقلۇق تالىشىۋاتقان بولۇپ ئۇلارنى ئۈزۈۋەتكەندىلا مېۋىنىڭ تېز چوڭىيىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، باغۋەنلەر بۇ ۋاقىتنى گۈلىنى ئۈزۈش ۋاقتى، دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر گۈل مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۈزۈلمىسە بانانغا ‹‹داغ چۈشىدۇ››.

      گۈلنى ئۈزگەندە گۈل بىلەن مېۋىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈلگەن جايدىن ئاق رەڭلىك سۈزۈك يېلىم چىقىدۇ. ئەگەر بۇ يېلىم بانانغا ئېقىپ كەتسە باناندا قارا داغلار پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا گۈلنى قانداق چاغدا ئۈزسە باناندا قارا داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

      باغۋەن بانانلارنى كۆرسىتىپ: ‹‹ھازىر گۈل ئۈزۈشنىڭ تازا ياخشى پەيتى، بانان ئادەمنىڭ بارمىقىغا ئوخشاش تۈپتۈز، تېخى ئەگىم شەكىلگە كەلمىدى، بۇ چاغدا گۈل ئۈزگەندە يېلىم يەرگە چۈشىدۇ››. دېدى.

‹‹مۇداپىئەلىنىش كىيىمىكىيگۈزۈش››

      بانان قۇياش نۇرىدىن قورقىدۇ. تومۇزدا ئاپتاپ يۇمران باناننى ئاسانلا قارىدىتىپ، داغ چۈشۈرۈۋېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ‹‹ھۆسن تۈزەشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى›› – بانانغا ‹‹قۇياش نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كىيگۈزۈش››.

      ‹‹قۇياش نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى›› ئەمەلىيەتتە بانانغا خالتا كىيگۈزۈشتۇر. بۇنىڭمۇ قائىدىسى بار، بۇ كىيىم جەمئىي ئۈچ قات. ئەڭ ئىچىدىكى ‹‹كۆڭلىكى›› ئاق رەڭلىك پاختا رەخت، ئۇنى كىيگۈزگەندە بانان زېدە بولمايدۇ، ئۇنىڭ سىرتىدىكىسى گېزىت بولۇپ باناننى قۇياش نۇرىدىن توسىدۇ، ئەڭ سىرتىدىكىسى كۆك رەڭلىك يۇپقا سۇلياۋ بولۇپ بانان پوستىنى چىرايلىق سېرىق، يېشىل رەڭدە قىلىدۇ.

      باغۋەن شوتا بىلەن بانان دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ بانانغا خالتىلارنى بىر قات – بىر قاتتىن كىيگۈزدى، ئاندىن خالتىنىڭ ئاغزىنى چىڭ بوغدى، بۇنداق قىلغاندا خالتىغا يامغۇرنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن، چاشقاننىڭ زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولاتتى.

‹‹كۈنلۈك›› ياساش

      بانان پىشاي دېدى، ئالدىراپ خۇشال بولۇپ كەتمەڭ، ‹‹ھۆسن تۈزەش››نىڭ چالىسى يەنە بار.

      بانان پىشقاندا مېۋىسى يۇمشاق بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ پىشىشىنى يەنە ساقلىساق پوستى يېرىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ 70 – 80 پىرسەنت پىشسىلا ئۈزۈش كېرەك. باناننىڭ ھەممىسىنى كېسىپ چۈشۈرىمىز، كېسىشتىن بۇرۇن باناننىڭ زېدە بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۇلياۋ كۆپتۈرمە سېلىش كېرەك. ئەگەر بانان ۋاقتىدا توشۇلمىسا ئۇلارنى چوقۇم دەرەخ سايىسىگە قويۇپ، قۇياش نۇرىنى توسىدىغان ‹‹كۈنلۈك›› ياساپ، ئۈستىگە قۇرۇق بانان يوپۇرمىقىنى يېپىش، قۇياش نۇرىنىڭ قارايتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ھۆل يوپۇرماق ياپقاندا قۇياش نۇرى قىزىتىپ باناننى زېدە قىلىۋېتىدۇ.

‹‹ھۆسىن تۈزەش››نى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش

      تۆۋەندىكى ‹‹ھۆسىن تۈزەش››لەردىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

      شەكىل چىقىرىش باناننى بانانزارلىقتىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن مەخسۇس تارىغۇچ بىلەن باناننىڭ شەكلىنى رەتلەش كېرەك، شۇڭا مېۋە دۇكىنىغا كىرسەك رەتلىك كېسىلگەن ساپاق – ساپاق بانانلارنى كۆرىمىز.

      سوغۇق سۇغا چىلاش باناننى كەسكەندىن كېيىن ئىسسىقتا ھورداپ ئاسانلا زېدە بولىدۇ، شۇڭا سوغۇق سۇغا چىلاپ ئۇنىڭ چىرايلىق، يېڭى تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك.

      مىكروبسىزلاندۇرۇپ داغ يوقىتىش باناندىكى مىكروبلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئۇنى يېڭى ساقلاش سۇيۇقلۇقىغا چىلىغاندا پوستى ئاسان قارىداپ قالمايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر