باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ساراڭنى ساقايتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

      پادىشاھنىڭ ئەلا ئاتاجى ئىسىملىك بىر تۇغقىنى بار ئىكەن. بۇ ئادەم روھى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، ئۆزىنى بىر ئىنەككە ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ تاماقمۇ يېمەيدىغان، سۇمۇ ئىچمەيدىكەن، پەقەت: ‹‹مەن بىر ئىنەك، مەن بىر ئىنەك، قاسساپنى چاقىرىڭلار، مېنى تېزراق بۇغۇزلىسۇن›› دېگەن گەپنى تەكرارلاۋېرىدىكەن. نۇرغۇن دوختۇر كېلىپمۇ بۇ كېسەلنى داۋالىيالماپتۇ. ئاخىرى بۇ كېسەلنى داۋالاشقا ئالىم بۇئەلىنى تەكلىپ قىلىشىپتۇ.

      بۇئەلى كېسەلنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئۇنىڭ قانداق بولۇپ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارغا:

      – سىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ‹‹ئەمدى خۇشال بولساڭ بولىدۇ، قاسساپ كەلدى، سېنى ھازىر بۇغۇزلايدۇ›› دەڭلا، – دەپتۇ.

      ئەتىسى، بۇئەلى يوغان بىر قىڭراقنى كۆتۈرۈپ كېسەلنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. كېسەل خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپتۇ:

      – بەللى، قاسساپ ئۇستام، مەن دېگەن بىر ئىنەك، مېنى تېزرەك بۇغۇزلاپ، گۆشۈم بىلەن مېھمانلارغا كاۋاپ تەييارلاڭ.

      بۇئەلى مالايلارغا كېسەلنىڭ قول، پۇتىنى باغلاشنى تاپىلاپ، ئۆزى شارت – شۇرت قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ، قىڭراقنى بىلىگىلى تۇرۇپتۇ. ئاندىن قىڭراقنى كېسەلنىڭ بوغۇزىغا تەڭلەپ، بوغۇزلايدىغاندەك ھالەتتە تۇرۇپتۇ. بۇئەلى بىلمىگەندەك قىلىپ، كېسەلنىڭ ئىككى پۇتى، ئىككى قولى ۋ بەدەنلىرىنى چىمداپ، چىمداپ قويۇپتۇ – دە، ئاندىن كېسەلگە:

      – سىز بەك ئورۇق ئىكەنسىز، گۆشىڭىزدە كاۋاپ قىلىشقا بولمايدۇ، سىزنى بوغۇزلىمايمەن. ياخشىشى سېمىزرەك بىر ئىنەكنى تېپىپ شۇنى بوغۇزلاي، – دەپتۇ.

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ كېسەل ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپتۇ، ئاندىن بۇئەلىگە ئىلتىماس قىلىپ:

      – مېنى بوغۇزلاڭ، مېنى سويۇڭ، – دەپتۇ.

      – سىز ئورۇق ئىكەنسىز، – دەپتۇ بۇئەلى، – سېمىز بولغان بولسىڭىز، دەرھال بوغۇزلىغان بولاتتىم. بىراق سىز مېنىڭ تەلىپىمگە لايىق كەلمىدىڭىز. ھېچكىم سىزنىڭ گۆشىڭىزنى يېيىشنى خالىمايدۇ. سەمرىيدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا مەن سىزنى دەرھال بوغۇزلايمەن.

      – بولىدۇ، – دەپتۇ كېسەل كىشى جاۋاب بېرىپ، – مەن چوقۇم سەمىرىيمەن.

     – بۇ ئىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسىز، مەن نېمە بەرسەم، شۇنى يەيسىز، بەرگەن نەرسەمنىڭ ھەممىسىنى – مەيلى قانداق يېمەكلىك ياكى ئوت – چۆپ بولسۇن، قالدۇرماي يەيسىز.

      – ناھايىتى ياخشى، شۇنداق بولسۇن، – كېسەل ماقۇل بوپتۇ.

      بۇئەلى مەززىلىك، پايدىلىق يېمەكلىكلەر بىلەن كېسەلنى تازا ئوبدان باققىلى تۇرۇپتۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز – تولا ئوت – چۆپمۇ بېرىپتۇ، لېكىن بۇ ئوت – چۆپلەر ئادەتتىكى ئوت – چۆپلەر بولماستىن، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ كېسەل تېزلا تاماققا كىرىشىپتۇ، دورا ئىچىدىغان بوپتۇ – دە، سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر