باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

جىنىس رېكورتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

 

      بېۋور ئەنگلىيە جىنس پىۋا زاۋۇتىنىڭ باش دېرىكتورى ئىدى. ئۇ ئارام كۈنلىرىدە دوستلىرى بىلەن ئوۋغا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىش تېخنىكىسىدىن ناھايىتى رازى ئىدى. دوستلىرى ئالدىدا ھەر قانداق ئولجىغا تەگكۈزەلەيدىغانلىقى توغرىلىق دائىم ماختىناتتى. بىر قېتىم ئۇ ئىنتايىن تېز ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنى كۆرۈپ قالدى. دوستلىرى: ‹‹قېنى، نوچى بولساڭ ئاشۇ قۇشلارغا تەگكۈزۈپ باق›› دەپ، ئۇنىڭ بىلەن دو تىكىشتى. نەتىجىدە بېۋور بىر قۇشنىمۇ ئېتىپ چۈشۈرەلمىدى. دوستلىرى ئۇنى زاڭلىق قىلىشتى. بېۋور بۇنى ئۆزىنىڭ ئېتىش تېخنىكىسىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قۇشلارنىڭ بەك تېز ئۇچىدىغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىدى. لېكىن، دوستلىرى بۇنداق قارىمىدى، كەسكىن تالاش – تارتىش جەريانىدا، بېۋور ھېلىقى قۇشلارنى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇش تۈرى دەپ تۇرۇۋالدى. ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئوۋدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قامۇسلارنى ئاختۇرۇپ،كىتابغا خاتىرلەنگىنى بويىچە دوستلىرىنى قايىل قىلماقچى بولدى، بىراق بېۋور بىر مۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ قىممىتى بار ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدى. چۈنكى ئۇ كۆرگەن كىتابلارنىڭ بىرىدىمۇ قۇشلارنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى توغرىسىدا بىرەر گەپ يوق ئىدى.

      بېۋور قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى. دۇنيادا قۇشلارنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتىنى خاتىرلەيدىغان كىتاب يوق. نېمە ئۈچۈن شۇنداق كىتابتىن بىرنى تۈزۈپ چىقمايمەن؟ ئۇ دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىككەيلەننى تەھرىرلىككە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئىككىسى قوش كېزەك ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇلار تۇنجى كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بېروۋ ئۇنىڭغا ‹‹جېنس دۇنيا رىكورتى قامۇسى›› دەپ نام قويدى. بۇ كىتاب بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ كىتاپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم نەشىر قىلىنىدىغان، 23 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىدىغان بولدى. تىراژى 40 مىليونغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ قالدى.

      بېروۋ ئۆزىنىڭ مەرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ‹‹جېنس دۇنيا رىكورتى قامۇسى›› نى تۈزۈشنى ئويلىغان، نۇرغۇن كىشى ئىلگىرى نېمىلەرنىدۇر ئىسپاتلاشنى ئويلىغان، بىراق بۇنداق ئىجادىيلىىككى ئىگە بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

      ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم بۇ ھېكايىنى بىزگە ئېيتىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى مۇنداق بىز جۈملىگە يىغىنچاقلىغان ئىدى: ئەگەر سەن مۇۋاپپەقىيەت قازانماقچى بولساڭ، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىڭنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىڭ كېرەك. تۇرمۇشتا بىز ھەممىلا يەردە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز، ئۇلار بىزگە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، بىز شۇنداق قىلساقلا، تۇرمۇشتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايمىز.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر